چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 2009-يىلى مەزكۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرى مايكولنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئاياغلاشقاندا، «تۈرمىدىن قېچىش» فىلىمى مەستانىلىرى بۇ فىلىم مۇشۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان يەردىن 8 يىلدىن كېيىن يەنى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ-4-كۈنى «تۈرمىدىن قېچىش»نىڭ 5-بۆلۈمىنى قۇيۇلدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تۈرمىدىن قېچىش 5-بۆلۈم

خەنزۇچە ئاتىلىشى :越狱

باش رولچى :ۋەنسۋورس مىللېر، دۇمىنىك

تۈرى :ھەرىكەتلىك، ئاجايىپ، مۇھەببەت،جىنايەت

باشقا نامى :Prison.Break

ئۇزۇنلىقى :ھەر قىسىمى 44 مىنۇت ئەتراپىدا

قويۇلغان ۋاقتى :2017-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئىشلىگەن شىركەت :Fox

ئىشلەنگەن ئورۇن :ئامېرىكا

رېژىسسور :پائۇل شۇئىرلىڭ

بۆلۈم سانى :10 قىسىم

فىلىم ئىشلىگۈچى :مارك

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

ھەممىمىزگە مەلۇم تۈرمىدىن قېچىش 4-بۈلۈمى مايكولنىڭ «ئۈلۈمى» ۋە باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى، ھالبۇكى 6 يىلدىن كىيىنى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تۈرمىدىن قېچىش 5-بۈلۈمى يەنى مەزكۇر فىلىمنىڭ ئاخىرقى بۈلۈمى قويۇلۇشقا باشلىدى، ھەممىڭلارغا تۇنۇشلۇق بولغان ھىيلىگەر تۈلكە «چاي خالتىسى» ( روبېرت كنېپپېر) تۈرمىدىن چىقىپ مەخپىي ئورگانلار تەرىپىدىن مايكولنىڭ تېخى ھاياتلىقى توغرىسىدىكى ئاخباراتقا ئىرىشىپ، مايكولنىڭ ئاكىسى لىنكىنغا مەزكۇر ئاخباراتنى يەتكۈزىدۇ.

مەزكۇر بۈلۈمدىكى ۋەقەلىكلەر، كۆرۈنۈشلەر ناھايىتى ھاياجانلىق بۇلۇپ ھەربىر كۈرۈمەننى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ.

بۇ بۈلۈم 2017-يىلى 4-ئاينىڭ-4-كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتە ئامېرىكا ۋاقتى چارشەنبە كۈنى قويۇلىدۇ، ئۇدا 9 ھەپتە قويۇلىدۇ. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى مەيلى چەتئەللىك مەستانىلەرنى بولسۇن، مەيلى دىيارىمىزدىكى مەستانىلەرنى بولسۇن قاتتىق ھاياجانغا سالغان.

تۈرمىدىن قېچىش 5-بۆلۈمىدە ئۆلۈپ كەتكىلى 7 يىل بولغان مايكولنىڭ يەمەندىكى بىر تۈرمىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كېلىدۇ. 

مايكولنىڭ ئاكىسى لىنكىن ( دۇمىنىك پۇرسېل) شۇنىڭ بىلەن ئىنىسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغانلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ۋە قېرىنداشلىق مىھرى ئۈچۈن ئۇنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەتلىنىدۇ، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ناتونۇش كىشىلەرنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرىشىگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئامان قالىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ فوكىس دەرياسىدىن بىرلىكتە قاچقان سەپداشلار بىر بىرلەپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىملىق تۈرمىدىن قېچىش ھەرىكىتى باشلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏