چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كارتون بىر خىل ئۇنىۋېرسال سەنئەت تۈرى بولۇپ، سانائەتلەشكەن ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى ئىنسانلارنىڭ روھىي جەھەتتىكى چۈشەندۈرۈشكە ئىنتىلىشنىڭ مەھسۇلى. ئۇ ئادەتتە ھەرىكەتلىك تەسۋىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سىزما رەسىم، ھەجىۋى رەسىم، كىنو-تېلېۋىزىيە، رەقەملىك ۋاسىتە، فوتو- سۈرەت، ناخشا-مۇزىكا، ئەدەبىيات قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سەنئەت تۈرلىرى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بەدىئىيلىكنى ئەكس ئەتتۈرۈش شەكلىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كارتون

خەنزۇچە نامى :卡通

باشقا نامى :ھەرىكەتلىك تەسۋىر 动画

چەتئەلچە نامى :cartoon

كارتوننىڭ مەنىسى

7پارچەكارتونكارتون ئىنگلىزچە animation، cartoon، animated cartoon، cameracature قاتارلىق سۆزلەرنىڭ مەنىسىدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى «animation» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى سۆز يىلتىزى لاتىن يېزىقىدىكى «anima» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، «روھ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «animate» دېگەن ياسالما پېئىل «ھاياتلىققا ئىگە قىلىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇنىڭ كۆچمە مەنىسى «مەلۇم نەرسىگە جان كىرگۈزۈش» تىن ئىبارەت. دېمەك، «animation» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ئىجادىيەتچىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق، ئەسلى جانسىز (جېنى يوق) نەرسىنى خۇددى ھاياتلىققا ئېرىشكەندەك جان كىرگۈزۈپ، ھەرىكەت قىلدۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ.

دەسلەپتە «كارتون» جۇڭگودا «گۈزەل سەنئەت فىلىمى» دەپ ئاتالغان. ھازىر ئادەتتە خەلقئارا ئادەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھالدا «كارتون فىلىم»  دەپ ئاتىلىدۇ. «كارتون» بىر تۈرلۈك غايىبانە (خىيالىي) ئوبرازلىق سەنئەت بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ۋە ئىزھار قىلىپ، رېئاللىقتا كۆرۈش مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادچانلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ كېڭەيتىدۇ. 

كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇرۇنقى ھەرىكەت قىلمايدىغان نەرسىلەرنى فىلىم قىلىپ ئىشلەش ۋە كىنو قىلىپ قويۇش ئارقىلىق، ھەرىكەت قىلالايدىغان ئوبرازلىق سۈرەتكە ئايلاندۇرۇش «كارتون» دەپ ئاتىلىدۇ. «كارتون» نىڭ جۇڭگوچە ئاتىلىشى ئەسلى ياپونىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى نىڭ ئالدى-كەينىدە، ياپونىيە بىر دانە سىزىقچە كۆرۈنۈش ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن ھەجۋىي رەسىملىك سەنئەت بۇيۇمىنى «كارتون» دەپ ئاتىغان.

ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ھېسسىيات ئىپادىسى، ھەرىكىتى ۋە ئۆزگىرىشى قاتارلىق بۆلەكلىرىنى نۇرغۇن پارچە رەسىم قىلىپ سىزىپ چىقىش ھەمدە بۇ رەسىملەرنى تېلېكامېرادىن پايدىلىنىپ، كەينى-كەينىدىن ئۈزۈلدۈرمەي قايتىدىن سۈرەتكە ئېلىپ، بىر قاتار جانلىق تەسۋىر (كارتىنا) قىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان سۈرەت (مەنزىرە) تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش، «كارتون» نىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىسى كىنو ۋە تېلېۋىزىيە بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى كۆرۈش سېزىمى پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ. مېدىتسىنا ئىلمىدە، ئىنسانلارنىڭ «كۆرۈش سېزىمىنىڭ قىسقا ۋاقىت ساقلىشى» دىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆزى بىر پارچە رەسىم (مەنزىرە) ياكى مەلۇم جىسىمنى بىر قېتىم كۆرگەندىن كېيىن، 1/24 سېكۇنتنىڭ ئىچىدە يوقىلىپ كەتمەيدۇ. مۇشۇ پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ، 

بىر پارچە رەسىم (مەنزىرە) غايىب بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر پارچە سۈرەت (مەنزىرە) نى كۆرسەتكەندە، ئادەمگە نىسبەتەن خۇددى بىر خىل راۋان ۋە چۈشىنىشلىك بولغان كۆرۈش سېزىمىنىڭ ئېففېكتى (ئۈنۈمى) پەيدا بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىنودا ھەر سېكۇنتىغا 24 پارچە رەسىمنى سۈرەتكە ئېلىپ كۆرسىتىشتەك سۈرئەت تېزلىكى ئۇسۇلى، تېلېۋىزىيەنىڭ  PALئۆلچەم سىستېمىسىدا ھەر سېكۇنتىغا 25 پارچە رەسىمنى سۈرەتكە ئېلىپ كۆرسىتىش ياكى NTSC ئۆلچەم سىستېمىسىدا 30 پارچە رەسىمنى سۈرەتكە ئېلىپ كۆرسىتىشتەك سۈرئەت تېزلىكى ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئەگەر ھەر سېكۇنتىغا 24 پارچىغا يەتمىگەن رەسىمنى سۈرەتكە ئېلىپ كۆرسەتكەندە بىردەملىك توختاپ ئۈزۈلۈش (پائۇزا) ئەھۋالى پەيدا بولىدۇ.

4پارچەكارتونكارتون ئىشلەشتە، ئىشلىتىلگەن ماتېرىيالنىڭ سۈپىتى ياكى ئىجاد قىلىش ئۇسۇلى ئۆلچەم قىلىنماستىن، بەلكى ئىجادىيەت (سەنئەت بۇيۇمى) نىڭ كارتوننىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە ماس كېلىش كەلمەسلىكى كارتوننىڭ ئېنىقلىما ئۆلچىمى قىلىنىدۇ. ھازىرغا قەدەر، كارتون ۋاسىتىسى ھەر خىل شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شەكلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بەزى جەھەتلەردە ئەمەلىي (كونكرېت) ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ كەلدى. يەنى كارتوندا، سۈرەت (ئوبراز تەسۋىرى) كىنو پىليۇنكىسى (كىنو لېنتىسى) ۋە سىنئالغۇ لېنتىسى ياكى رەقەملىك ئۇچۇر ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ بىر-بىرلەپ كاتەكچىلەشتۈرۈش ئارقىلىق خاتىرىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا، سۈرەت (ئوبراز تەسۋىرى) نىڭ «ھەرىكىتى» ئىجاد قىلىنغان (يارىتىلغان) خىيالىي تۇيغۇ بولۇپ، ئەسلىدىنلا مەۋجۇت ئەمەس.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏