چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى يادرو قورالىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قوغداش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئېكسپورت قىلىش ھەم توشۇشنى چەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يادرو قورالىغا مۇناسىۋەتلىك خام ماتېرىيال ۋە تېخنىكىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش مەقسىتىدە 1975-يىلى قۇرۇلغان دۆلەت ھالقىغان تەشكىلات.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى

قۇرۇلغان ۋاقتى :1975-يىلى

خاراكتىرى :دۆلەت ھالقىغان تەشكىلات

مىزانى :يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مىزانى

ئومۇمىي چۈشەنچە

يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى يادرو قورالىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قوغداش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئېكسپورت قىلىش ھەم توشۇشنى چەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يادرو قورالىغا مۇناسىۋەتلىك خام ماتېرىيال ۋە تېخنىكىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش مەقسىتىدە 1975-يىلى قۇرۇلغان دۆلەت ھالقىغان تەشكىلات.

1974- يىلى 5-ئايدا، ھىندىستان يادرو قورالىنى يوشۇرۇن سىناق قىلدى. بۇ ۋەقە يادرو قورالى يوق دۆلەتلەرنىڭ يادرو قورالى تېخنىكىسىغا ئىگە بولسىلا، يادرو قورالى بار دۆلەتكە ئاسانلا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. «يادرو قورالى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسى» ئىمزالىغان دۆلەتلەر يادرو قورالى ئەسلىھەلىرى، يادرو قورالى ماتېرىياللىرى ۋە يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى قاتتىق چەكلەش زۆرۈر، دەپ قارىدى. 1975-يىلى كانادا، ياپونىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق يادرو قورالى تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق يەتتە دۆلەت لوندوندا كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، «يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مىزانى» ۋە «ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار تىزىملىكى» نى ماقۇللىدى. كىشىلەر بۇنى «لوندون كۇلۇبى» ، يەنى «يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى» ، دەپ ئاتىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏