چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سۆكسۆك - لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ دىئامېتىرى 50 سانتىمېتر كېلىدۇ. قۇرغاق، چۆللۈك رايونلارنىڭ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئېسىل دەرەخ تۈرى

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سۆكسۆك

خەنزۇچە ئاتىلىشى :梭梭

ئىنگلىزچە نامى :Haloxylon ammodendron (C. A. Mey.) Bunge

تارقالغان رايونلار :جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيە

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :مەركىزى ئۇرۇق ئەترىتى

ئائىلىسى :لويلا ئائىلىسى

چۈشەنچە

سۆكسۆك - لويلا ئائىلىسىگە تەۋە، قۇملۇقتا قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك، غولىنىڭ دىئامېتىرى 50 سانتىمېتر كېلىدۇ. قوۋزىغىنىڭ رەڭگى ئاقۇش كۈل رەڭ، ياغىچى چىڭ، چۈرۈك، كونا شاخلىرى قوڭۇر كۈلرەڭ ياكى سۇس سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، ئادەتتە ھالقىسىمان شەكىلدە تارالغان يېرىقچىلار بولىدۇ. شاخلىرى ئىنچىكە، يانتۇ ياكى ئەگرى ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى تەڭگىچە شەكىللىك، كەڭ ئۈچ بۇرجەك، ئالدى ئۇچى سەل دىقماق. بوغۇم ئارىلىقى 4-12 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ.

شاخ قولتۇق ئارىسىدا پاختا - يۇڭ بار بولۇپ، چارۋىلارنىڭ يېمى قىلىشقا بولىدۇ. قىممەتلىك جۇڭيى دورىسى بولغان توشقانزەدىكى دەل سۆكسۆك يىلتىزىدا پارازىت ھالىتىدە ياشايدۇ. توشقانزەدىكى، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ياشانغانلارنىڭ گومۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاش، جىگەرنى كۈچەيتىش، تارەتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق 10 نەچچە خىل دورىلىق خۇسىسىيىتىگە ئىگە، كىشىلەر تەرىپىدىن « قۇملۇق ئادەمگىياھسى » دەپ تەرىپلەنگەن. بىراق سۆكسۆك ھازىر نەسلى قۇرۇش گىرداۋىغا يىتىپ قالغان ئۆسۈملۈك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏