چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كالا، قوي، بۇغا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بېشى ئۈستىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان قاتتىق ماددا. ئادەتتە ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم ئۇچ تەرىپى ئۇچلۇقراق كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مۈڭگۈز

خەنزۇچە ئاتىلىشى :

چۈشەنچە

كالا، قوي، بۇغا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بېشى ئۈستىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان قاتتىق ماددا. ئادەتتە ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم ئۇچ تەرىپى ئۇچلۇقراق كېلىدۇ. مۈڭگۈز ئاساسلىقى ئوتخور ھايۋانلارنىڭ بېشىدا بولىدۇ، ئاساسلىقى قوغدىنىش ۋە ھۇجۇم قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار مۈڭگۈزى - مۆڭگۈز، كاۋاك مۈڭگۈز، بۆكەن ئاچىماق مۈڭگۈزى، زىراپە مۈڭگۈزى، تېرە مۈڭگۈز قاتارلىق بەش خىل تۈرى بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا مۈڭگۈزدىن پايدىلىنىپ بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە قوراللارنىڭ ياساپ پايدىلىنىشقا باشلىغان؛ مەسىلەن: مۈڭگۈزدىن پايدىلىنىپ تارغاق، پىچاق دەستىسى، يىڭنە قاتارلىقلارنى ياسىغان.

مىساللار :  * ئاۋۋال چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتەر (ماقال). * ئىت دېسەڭ قۇيرۇقى يوق، ئۆچكە دېسەڭ مۈڭگۈزى يوق (ماقال)


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏