چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مارلىن مونرو، 1926-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس ئانگېلېستا تۇغۇلغان، 1962-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى 36 يېشىدا قازا قىلغان. ئامېرىكىلىق ئايال ئارتىس.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مارلىن مونرو

خەنزۇچە ئاتىلىشى :玛丽莲·梦露

باشقا نامى :Marilyn Monroe

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

مىللىتى :يەھۇدى

يۇرتى :كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس ئانگېلېس

تۇغۇلغان ۋاقتى :1926-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1962-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى

بوي ئېگىزلىكى :1.66m

قان تىپى :AB

كەسپى :ئارتىس، مودېل، خەير - ساخاۋەتچى، فىلىم ئىشلىگۈچى

شەخس تونۇشتۇرۇلىشى

مارلىن مونرومارلىن مونرو، 1926-يىلى كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس ئانگېلېستا تۇغۇلغان، 1962-يىلى 36 يېشىدا قازا قىلغان. ئامېرىكىلىق ئايال ئارتىس، مودېل، خەير - ساخاۋەتچى، فىلىم ئىشلىگۈچى. دۇنيادىكى ئاساسەن دېگۈدەك ھەربىر كىشى ئۆسۈپ-يېتىلىش داۋامىدا ئۇنىڭ داڭلىق سۈرەتلىرىنى ئازدىن-كۆپتۇر كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ كامېراغا تىكىلىپ تۇرغاندىكى بىر جۈپ كۆزى، تەنناز لېۋى قاتارلىقلار كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالغان... بۈگۈنكى كۈندە بۇ سۈرەتلەر ئادەتتىكى سۈرەتلەرلا ئەمەس، بەلكى ئالاھىدە ھېسسىياتنى ئىپادىلەيدىغان، ساپ خاراكتېرنىڭ قاتما كۆرۈنۈشىگە ئايلانغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏