چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «كارىپ دېڭىز قاراقچىسى:قارا مەرۋايىتنىڭ قارغىشى»بولسا 2003-يىلى ئىشلەنگەن «كارىپ دېڭىزى قاراقچىسى »يۈرۈشلىكىنىڭ تۇنجى بۆلىمى .گور ۋېربىنسكىي رىژىسسورلىق قىلغان،جونىي دېپ ، ئورلاندو بلۇم ، كىۋرىي نايتلىي قاتارلىقلار باش رول ئالغان غارايىبانە تەۋەككۈلچىلىك كىنو. فىلىمدىكى جېك بولسا كارىپ دېڭىزىدىكى قاراقچى ، «قارا مەرۋايىت»ناملىق قاراقچى كېمىسىنىڭ ئىگىدارى .ياخشىلىق قىلىپ باقماي يامانلىقنىڭ بارىنى قىلىپ بولغان باربوسا جېكنىڭ كېمىسىنى بۇلاپ كېتىپ قورقۇنچلىق قارغىشقا دۇچار بولىدۇ ...

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كارىپ دېڭىز قاراقچىسى:قارا مەرۋايىتنىڭ قارغىشى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :加勒比海盗:黑珍珠号的诅咒

باش رولچى :جونىي دېپ ، ئورلاندو بلۇم ، كىۋرىي نايتلىي

تۈرى :غارايىبانە تەۋەككۈلچىلىك كىنو

باشقا نامى :كارىپ دېڭىز قاراقچىسى1

ئۇزۇنلىقى :143مىنۇت

ئىشلەنگەن ۋاقتى :2003

قويۇلغان ۋاقتى :2003-يىلى

ئىشلىگەن شىركەت :دىسنىي فىلىم شىركىتى

imdbكودى :tt0325980

ئىشلەنگەن ئورۇن :ساينت ۋىنسېنت ئارىلى

دىئالوگ تىلى :ئىنگلىزتىلى

رېژىسسور :گور ۋېربىنسكىي

بۆلۈم سانى :1-بۆلۈم

مەزمۇنى 

«كارىپ دېڭىز قاراقچىسى:قارا مەرۋايىتنىڭ قارغىشى»

بۇ بولسا 17-ئەسىردە يۈز بەرگەن دېڭىز قاراقچىلىرى توغرىسىدىكى رىۋايەت ، جېك سىپارو(جونىي دېپ رول ئالغان )بولسا كارىپ دېڭىز بويىدىكى كىچىك ناھىيىدىكى بىكار تەلەت لۈكچەك ئىدى .ئۇنىڭ بۇنداق ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغىنىغا قاراپ بىر نېمە  دېمەڭ ، ئۇمۇ بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئامراق كېمىسىنى ھەيدەپ ، قولچوماقلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كارىپ دېڭىزىدا قاراقچىلىق قىلىپ ، بايدىن تارتىپ نامراتلارغا ياردەم بېرەتتى . ئەپسۇس دىققەت قىلمايلا ئەسكى قاراقچى باربوسا (جېفىرىي راش رولدا )نىڭ دامىغا چۈشۈپ ،ئامراق «قارا مەرۋايىت »ناملىق كېمىسىدىن ئايرىلىدۇ ، كىچىكىدىن مەشھۇر درڭىز قاراقچىسى بولۇشنى نىيەت قىلغان جېك بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ ،چۈشكۈنلىشىدۇ . ھەممىدىن نىيىتىنى ئۈزگەن جېك مۇشۇ كىچىك ناھىيىدە كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن لاغايلاپ يۈرۈشكە باشلىدى .

مەلۇم بىركۈنى مۇشۇ  يەرنىڭ يەرلىك ئەمەلدارىنىڭ ساھىبجامال قىزى (كىۋرىي نايتلىي)ئىلزابىس -گۈزەل ھەم سۇمباتلىق ،ئەركەكلەردەك ئوساۋ ھەم كۆنمەس قىز تۇيۇقسىز پەيدا بولغان  باربوسا باشلىقىدىكى بىر توپ قاراقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىدۇ .ئەسلىدە ، باربوسا جېكنىڭ «قارا مەرۋايىت »ناملىق كېمىسىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن قەدىمىي قارغىشقا ئۇچرىغان ئىكەن .ھەر قېتىم ئاي نۇرى ئۇلارنىڭ تېنىڭ ئۈستىگە ياغقان ھامان ، ئۇلار بەتبەشىرە يا ئادەمزات يا جىن- شاياتۇن ھېسابلانمايدىغان ھەركەتچان ئىسكىلاتقا ئايلىنىپ قالىدىكەن .قاراقچىلار قانچىلا ئەركىن بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، بۇنداق قارغىش بىلەن بىر ئۆمۈر  ئۆتسە ھامان ئازابلىناتتى . دەل مۇشۇ پەيىتتە باربوسا ئىلزابىس تاقىۋالغان ئىزنەكنى كۆردى .كىتابلاردا خاتىرلىنىشىچە ، بۇ ئىزنەك دەل قارغىشنى يېشىشتىكى مۇھىم بىر ئامىل ئىدى .ئىشنى باشلىغاندىن كېيىن توختاپ قېلىشنىڭ يولى يوق دەپ ئويلاپ ئىلزابىس بىلەن ئىزنەكنى تەڭ ئېلىپ قاچقان .

قاراقچىلار ئىلزابىسنى ئېلىپ قاچقاندىن كېيىن ، بۇ خەۋەر ئىلزابىس كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان تۆمۈرچى ۋېر تانا (ئورلاندو بلۇم)نىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە ، ئۇ تىتىلداپ بولالمايلا قالدى .ئامالسىزلىقتا ئۇ بۇرۇن قاراقچى بولغان جېك ياردەم تەلەپ قىلىدۇ . جېك ئىلزابىسنى ئېلىپ قاچقان كىشىنىڭ دەل ئۆزى بىلەن چوڭقۇر ئاداۋىتى بولغان بربوسا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ۋېر بىلەن بىللە «قارا مەرۋايىت »نى قوغلاشقا قوشۇلدى .ساھىبجامالنى قۇتقۇزۇش ھەمدە «قارا مەرۋايىت»نى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ، ئۇلار ئەنگىلىيە فلوتىنىڭ ئەڭ تېز ماڭىدۇ دەپ قارىلىدىغان بىر كېمىسىنى ئوغرىلاپ ، يەلكەن چۈشۈرۈپ بايراق قاداپ ، بۇ گۈزەل كارىپ دېڭىزىدا ئاجايىپ-غارايىپ قوغلاشما جەڭنى باشلىدى .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏