چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پىرلۇئىجى كېلىنا 1960-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىتالىيە دە تۇغۇلغان،بوي ئىگىزلىكى 188 سانتىمىتېر، بەدەن ئېغىرلىقى 74 كىلوگرام، قائىدە-قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئىتالىيە پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رېپىرى بۇلۇپ، ئىتالىيە تىلى، ئىسپانىيە تىلى،فرانسىيە تىلى، ئېنگىلىز تىلى قاتارلىق كۆپ تىللارنى بىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :پىرلۇئىجى كېلىنا

خەنزۇچە ئىسمى :皮埃路易吉•科利纳

باشقا نامى :Pierluigi Collina

دۆلەت تەۋەلىكى :ئىتالىيە

يۇرتى :بولونىيە (ئىتالىيە)

تۇغۇلغان ۋاقتى :1960-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى

بوي ئېگىزلىكى :188 سانتىمېتىر

بەدەن ئېغىرلىقى :75 كىلوگىرام

كەسپى :پۇتبول رېپىرى

تەنھەرىكەت تۈرى :پۇتبول

ۋەزىپىسى :ياۋروپا بىرلەشمە پۇتبول كومتىتىنىڭ رەئىسى

قىسقىچە تارىخى

پىرلۇئىجى كېلىنا 1960-يىلى ئىتالىيە دە تۇغۇلغان بۇلۇپ، ئاتىسى مەمۇرى خادىم، ئانىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى. 1984-يىلى ئۇ بولونىيە ئۇنۋىرسىتىتى سودا-ئىقتىساد ئىنىستوتىنىڭ باكىلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن، 1991 يىلىدىن باشلاپ لومادىكى بانكىدا پۇل-مۇئامىلە مەسلەھەتچىلىك خىزمىتىنى قىلغان، شۇ ۋاقىتلاردا ئۆز ئائىلىسىنى قۇرغان، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتتا تېرىنېرلىق قىلىپ، پۇتبول تېرنېرىغا ئايلانغان، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ قىزىقىشى پۇتبول ئەمەس، ئەكسىنچە ۋاسكىتبول بۇلۇپ، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى قىزىقارلىق ھىس قىلدۇرىدۇ، ئۇ بولونىيە ۋاسكىتبول ئەترىتىنىڭ سادىق توپ مەستانىسى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏