چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاكتىنومىتسېتلارنىڭ تېنى بىر ھۈجەيرىدىن تەركىب تاپىدۇ، بۇ تەرىپى باكتېرىيىلەرگە ئىنتايىن ئوخشايدۇ. شۇڭا، ئۇلار كۆپىنچە ئەھۋالدا باكتېرىيىلەر جەمەتىدىكى بىر مۇستەقىل چوڭ ئائىلە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئاكتىنومىتسېتلاردا زەمبۇرۇغ جەمەتىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئاكتىنومىتسېتلار

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Actinobacteria

خەنزۇچە ئىسمى :放线菌

تەۋەلىكى :باكتېرىيەلەر دۇنياسى

سىنىپى :ئاكتىنومىتسېس زەمبۇرۇغى سىنىپى

تۈركۈمى :ئاكتىنومىتسېس تۈركىمى

ئائىلىسى :ئاكتىنومىتسېس ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئاكتىنومىتسېس ئۇرۇقدېشى

ئاكتىنومىتسېتلار ھەققىدە

ئاكتىنومىتسېتئاكتىنومىتسېتلارنىڭ تېنى بىر ھۈجەيرىدىن تەركىب تاپىدۇ، بۇ تەرىپى باكتېرىيىلەرگە ئىنتايىن ئوخشايدۇ. شۇڭا، ئۇلار كۆپىنچە ئەھۋالدا باكتېرىيىلەر جەمەتىدىكى بىر مۇستەقىل چوڭ ئائىلە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئاكتىنومىتسېتلاردا زەمبۇرۇغ جەمەتىنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، باكتېرىيە تېنى توغرا پەردىسى يوق نۇرغۇنلىغان زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلار باكتېرىيىلەر بىلەن زەمبۇرۇغلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتكۈنچى تىپ ھېسابلىنىدۇ. 

ئاكتىنومىتسېتلاردا بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە باكتېرىيە تەنچىلىرى بولۇپ، زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلىرى «ھەدەپ باش چۆكۈرۈپ يەيدۇ» ، بۇلار مەخسۇس ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشكە مەسئۇل ئىنچىكە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىدۇر؛ بەزىلىرى ئۈستىگە قاراپ تازا ئۆسىدۇ، بۇلار ئاكتىنومىتسېتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بەلگە قىلىنىدىغان ھاۋادا ئۆسكۈچى زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىدۇر. ئاكتىنومىتسېتلار ئۆسۈپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە، پەرزەنت كۆرۈشكە باشلايدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ھاۋادا ئۆسكۈچى زەمبۇرۇغ يىپچىسىنىڭ ئۇچىدىن سپورا يىپچىلىرىنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇ پىشقاندىن كېيىن بۆلۈنۈپ تىزىق-تىزىق سپورىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. سپورىلاردىن بەزىلىرىنىڭ تاشقى شەكلى شارچىغا، بەزىلىرىنىڭ تۇخۇمغا ئوخشايدۇ. شامالدا لەيلەپ يۈرۈپ مۇۋاپىق مۇھىتقا يولۇقسا شۇ يەردە ماكانلىشىپ، بىخلىنىپ يېڭى ئاكتىنومىتسېتنى ھاسىل قىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏