چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پاتقاق سازلىقتا ياكى سۇ ئوتلىرى باراقسان ئۆسكەن كۆلچەكتە پۈۋلەپ ھاۋا كۆپۈكچىلىرىنى پەيدا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان سانسىزلىغان كىچىك جانىۋارلار ياشايدۇ. ئۇلار مېتان باكتېرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مېتان باكتېرىيىسى

خەنزۇچە ئىسمى :甲烷细菌

ئالاھىدىلىكى :ماددا ئالمىشىش ئارقىلىق مېتان گازى قويۇپ بېرىش

قىسقىچە مەزمۇنى

2پارچەمېتان باكتېرىيىسىمېتان باكتېرىيىسى يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمكى جانىۋار ھېسابلىنىدۇ. يەر شارى پەيدا بولۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مۇدھىش ئوكسىگېنسىز مۇھىت مىجەزى شۇ مۇھىتقا ماسلاشقان تۇنجى تۈركۈم جانىۋارلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇلار ئوكسىگېن بولمىسىمۇ نەپەسلىنەلەيتتى، ھاياتىنى تەييار، ئاددىي كاربوناتلار، فورمىئاتلار قاتارلىق ماددىلارغا تايىنىپ ساقلايتتى، ھالبۇكى، ئۇلاردا ھاياتلىق تەنچە—ھۈجەيرە بولغاچقا، تەبىئىي ھالدا كۆپىيىشكە باشلىغان. مانا بۇلار جانلىقلارنىڭ ئەجدادى بولغان مېتان باكتېرىيىلىرىدۇر. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، يەر شارى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، مېتان باكتېرىيىلىرى ماھىيىتىنى ئۆزگەرتمەي، ئوكسىگېن خالىمايدىغان مىجەزىنى ساقلاپ كەلدى. ھازىرقى زاماندىكى مېتان باكتېرىيىلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق مەنبەسى تېخىمۇ كېڭەيدى، ياۋا ئوت-چۆپلەر، دەرەخ غازىڭى، شاخ-شۇمبا، ئاشخانىدا ئېشىپ قالغان تاماقلار، ھايۋانلارنىڭ گەندە، سۈيدۈكلىرى، ھەتتا ئەخلەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېتان باكتېرىيىلىرىنىڭ مەززىلىك تائاملىرىدۇر. سازلىق ۋە سۇ ئوتلىرى باراقسان ئۆسكەن كۆلچەكنىڭ تېگىدە ئوكسىگېن ئىنتايىن كەمچىل بولىدۇ، مېتان باكتېرىيىلىرى بۇ يەرگە يوشۇرۇنۇۋېلىپ بىر ۋاخ يەپ تويۇۋالغاندىن كېيىن، راھەتلىنىپ نەپەسلىنىپ يەل پۈۋلەپ چىقىرىدۇ. بۇ يەل پاتقاق گازى كۆپۈكچىلىرىدۇر. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏