يەر توزغىقى(ئۆسۈملۈك) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ قويۇق ئورمانلىرىدا زەمبۇرۇغ خىلىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك − يەر توزغىقى ئۆسىدۇ. ئۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، خالتىلىق سپورا تېنى شار شەكلىگە يېقىنراق، دىئامېتىرى20 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى5 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ.

قىسقىچە مەزمۇنى

جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ قويۇق ئورمانلىرىدا زەمبۇرۇغ خىلىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك − يەر توزغىقى ئۆسىدۇ. ئۇ ناھايىتى چوڭ بولۇپ، خالتىلىق سپورا تېنى شار شەكلىگە يېقىنراق، دىئامېتىرى20 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى5 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. تولۇق پىشقان چوڭ يەر توزغىقىنىڭ ئىچكى توقۇلمىلىرى پارچىلىنىپ كېتىپ، پۈتۈن تېنى قۇرۇپ كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭلىك خالتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئىچىگە قارا رەڭلىك پاراشوك سپورىلار تولۇپ كېتىدۇ. دەسسىلىپ يېرىلىپ كەتسە، پاراشوك سپورىلار خۇددى ئىس-تۈتەكلەردەك پۈركۈلۈپ چىقىپ ئادەمنىڭ كۆز-بۇرۇنلىرىنى ئېچىشتۇرۇۋېتىدۇ. يەرلىك ئىندىئانلار بۇرۇن يەر توزغىقىنى «كۆزدىن ياش ئاققۇزغۇچى بومبا» ئورنىدا ئىشلىتىپ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارغا قارشى زەربە بەرگەن.

قىممىتى

يەر توزغىقى يۇمران ۋاقتىدا، ئىچى-تېشى ئاق رەڭلىك، ئىچكى قىسمى گۆشلۈك، سەل يېپىشقاق بولۇپ، كۆكتات ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ.

يەر توزغىقى تەختلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى، يەر توزغىقى ئائىلىسىگە تەۋە. مەملىكىتىمىزنىڭ تروپىك بەلۋاغ ۋە مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرىدىمۇ يەر توزغىقى ئۆسىدۇ. قۇرۇغان خالتىلىق سپورا تېنىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق، ئۆپكىنى تازىلاش، كېكىردەككە مەنپەئەت قىلىش، قىزىتمىنى قايتۇرۇش، قان توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏