چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئەسلىي ماكانى ياۋروپا بولغان بوتاكۆز ئوتى كۆرۈمسىز بولسىمۇ، لېكىن داڭقى ياۋروپا، ئاسىيالارغا تونۇلغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە «مېنى ئۇنتۇما» ياكى «مېنى ئەستىن چىقارما» دېگەن مەنىلەردىكى ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.

بورتا كۆز ھەققىدە 

ئەسلىي ماكانى ياۋروپا بولغان بوتاكۆز ئوتى كۆرۈمسىز بولسىمۇ، لېكىن داڭقى ياۋروپا، ئاسىيالارغا تونۇلغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە «مېنى ئۇنتۇما» ياكى «مېنى ئەستىن چىقارما» دېگەن مەنىلەردىكى ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇرۇن-بۇرۇنىسىدا قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق دېڭىز بويىدا بۇزۇلماس ۋەدىلەرنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مەپتۇن بولۇپ ئولتۇرغاندا، توساتتىن بىر زور دولقۇن ئېتىلىپ كېلىپ يىگىتنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ. يىگىت ئالدىراپ-تېنەپ قولىدىكى بىر تۈپ ياۋا ئوتنى قىز دوستىغا تاشلىغىنىچە «مېنى ئۇنتۇپ قالما! » دەپ ۋارقىراپ دېڭىز دولقۇنىغا غەرق بوپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئەرزىمەس ياۋا ئوت «مېنى ئۇنتۇما» دېگەن مەنىدىكى ناملار بىلەن ئاتىلىپ مۇھەببەتكە ساداقەتمەنلىكنىڭ گۇۋاھچىسى قىلىنىپ كەلمەكتە. 

بوتاكۆز ئەڭلىكئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان، كۆپ يىللىق، تىك ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى16 ~30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر بېغىرلىغۇچى يىلتىزسىمان غولى بار. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. دۈم تېمىنە شەكىللىك ياكى ئۇزۇن ئېللىپسسىمان تېمىنە شەكىللىك. قىسقا تۈكچىلىرى بار، يوپۇرماق سېپى يوق دېيەرلىك. باش يازدا چېچەكلەيدۇ، گۈللىرى تىزىلىپ ئىنچىكە ئۇزۇن ھەم شالاڭ ئومۇم گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ گۈل تاجنىڭ بوغۇز قىسمى سېرىق، كىچىك تىپتىكى قاتتىق شاكاللىق مېۋە تۇتىدۇ، مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك. مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال، خېبىي، گەنسۇ، شىنجاڭ، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكە-رايونلىرىغا تارالغان.

بوتاكۆز ئەتىيازلىق گۈلزارلىق بەرپا قىلىشنىڭ ياخشى ماتېرىيالى بولۇپ، سېرىق، ئاق رەڭلىك ئەتىيازلىق گۈللەرگە ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ئالاھىدە چىرايلىقلىشىدۇ. ئەتىياز پەسلىدىكى شارچە يىلتىزلىق گۈللەرنىڭ گۈلزارلىقىغا سەپلىنىدىغان ئۆسۈملۈك ماتېرىيالى قىلىشقا، ھويلا باغچىلىرىدا گۈللۈك يوللاردا ئۆستۈرۈشكە، گۈللۈك قاشقا ياساشقا، باغچىلاردىكى دەرەخلىكلەرنىڭ چېتىگە ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏