چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش زەمبۇرۇغلار مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ چوڭ جەمەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى تەخمىنەن 250 مىڭ تۈردىن ئاشىدۇ.زەمبۇرۇغ دېگەن بۇ ئىسىم ئاڭلىماققا ياتتەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىسىز. مەسىلەن، تەمى مەززىلىك گۈمبىمەدەك(موگۇ) ، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مول بولغان ئاق ساڭراۋ قۇلاق، قارا ساڭراۋ قۇلاق، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان مىھرىقۇت (گامۇدېرما) ، سۇنى ھەيدەپ ئىششىق قايتۇرۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدىغان پالما مەرىزى، ئۆپكىنى ساغلاملاشتۇرۇپ بۆرەككە مەنپەئەت قىلىپ، قان توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىدىغان قۇرت ئوت قاتارلىقلار

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :زەمبۇرۇخلار

خەنزۇچە ئىسمى :菌类

باشقا نامى :fungi،山珍

تىپى :باكتىريە تىپى

تۈرى :باكتىريە تۈرىدىكى ئۈسۈملۈك

زەمبۇرۇغلار ھەققىدە 

زەمبۇرۇغلار مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ چوڭ جەمەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئەزالىرى تەخمىنەن 250 مىڭ تۈردىن ئاشىدۇ. 

زەمبۇرۇغ دېگەن بۇ ئىسىم ئاڭلىماققا ياتتەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىسىز. مەسىلەن، تەمى مەززىلىك گۈمبىمەدەك(موگۇ) ، ئوزۇقلۇق ماددىلىرى مول بولغان ئاق ساڭراۋ قۇلاق، قارا ساڭراۋ قۇلاق، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان مىھرىقۇت (گامۇدېرما) ، سۇنى ھەيدەپ ئىششىق قايتۇرۇپ، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدىغان پالما مەرىزى، ئۆپكىنى ساغلاملاشتۇرۇپ بۆرەككە مەنپەئەت قىلىپ، قان توختىتىپ، بەلغەم بوشىتىدىغان قۇرتئوت قاتارلىقلار كىشىلەرگە ئاللىبۇرۇن تونۇشلۇق بولغان داڭلىق يېمەكلىك، قىممەتلىك دورىلار بولۇپ، ھەممىسى زەمبۇرۇغ چوڭ جەمەتىنىڭ ئەزالىرىدۇر؛ ھاراق ئېچىتىش، خېمىر بولدۇرۇش، جياڭيۇ ياساش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى ياكى كۆكىرىك زەمبۇرۇغنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار دەل زەمبۇرۇغ چوڭ جەمەتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدۇر. 

جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدىن قارىغاندا، زەمبۇرۇغلارنىڭ دۇنياغا كېلىشى باكتېرىيىلەرگە قارىغاندا 1 مىليارت يىل ئەتراپىدا كېيىن بولغان، شۇڭا ئۇلار مىكرو ئورگانىزملار پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ ياش جەمەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ باكتېرىيە ۋە ئاكتىنومىتسېتلاردىن تۈپ پەرقى شۇكى، زەمبۇرۇغلاردا ھەقىقىي ھۈجەيرە يادروسى شەكىللىنىپ بولغان. شۇڭا، كىشىلەر زەمبۇرۇغلارنىڭ ھۈجەيرىسىنى ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرە دەپ ئاتايدۇ. ئىپتىدائىي يادرولۇق ھۈجەيرە تەرەققىي قىلىپ ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىگە ئايلىنىش جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى بىر زور ئىش ھېسابلىنىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏