چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭگو ئاق كەندىرنىڭ ماكانى. ئارخېئولوگىيىلىك ئىسپاتلاشلاردىن قارىغاندا، ئېلىمىز خەلقى5000 نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىلا ئاق كەندىردىن رەخت توقۇپ كىيىملەرنى تىكىپ كىيگەن. ئۇنىڭ تالالىرى پۇختا بولىدىغانلىقى، يالتىراقلىقى زىغىر تالالىرىنىڭ يالتىراقلىقىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى ھەم سۇ ۋە نەملىكنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقى، يەنە كېلىپ تالالىرىنى بىر ‐ بىرلەپ ئايرىپ يىپەكتەك ئىنچىكىلەشكە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىگە كەلگەندە بىر سەكرەپلا ئەينى چاغدىكى ئەڭ مۇھىم تالا مەنبەسى ئۆسۈملۈكىگە ئايلانغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئاق كەندىر

خەنزۇچە ئىسمى :苎麻

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈك

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك

سىرتقى شەكىلى

ئاق كەندىر چاققاقئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ياكى چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى1 −2 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ كۆپىنچە يول ياقىلىرىدا، ئۆيلەرنىڭ ئارقىلىرىدا، تاغ جىلغىلىرىدا ئۆسىدۇ ياكى ئادەملەر تېرىپ ئۆستۈرىدۇ. غولى كۆپ شاخلىنىدىغان بولۇپ، قويۇق ھەم يىرىك تۈكچىلىرى بولىدۇ. ياز پەسلىدە كىچىك يېشىل رەڭلىك گۈل ئاچىدۇ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە بولۇپ، كونۇسسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۈز پەسلىدە كىچىك تىپلىق ئورۇق مېۋە تۇتىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏