چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئېۋكوممىيە (دۇجۇڭ) دەرىخى جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، ئېۋكوممىيە دەرىخى ئائىلىسى، ئېۋكوممىيە دەرىخى ئۇرۇقدىشىغا كىرىدۇ. پۈتۈن يەر شارىدا مۇشۇ بىرلا تۈرى بولۇپ، مىلادىيە 369-يىللىرى ياۋروپا، ياپونىيە ۋە روسىيىلەرگە ئارقا-ئارقىدىن تارقالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئېۋكوممىيە دەرىخى

خەنزۇچە ئىسمى :杜仲

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر

تۈركۈمى :ئېۋكوممىيە تۈركۈمى

ئۇرۇقداشلىرى :ئېۋكوممىيە ئۇرۇقدىشى

سىرتقى شەكىلى

ئېۋكوممىيە دەرىخى تېز ئۆسىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى

20 مىتېرغا يېتىدۇ. دەرەخ قىياپىتى رەتلىك، شاخ-يوپۇرماقلىرى قويۇق بولۇپ، ئەتىيازدا چېچەكلەيدۇ. گۈل يېپىنچىسى يوق، ئانىلىق ۋە ئاتىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە بولۇپ، كۈنگەي ۋە ئىللىق كىلىمات ھەم مۇنبەت تۇپراقتا ئۆسۈشكە ماسلاشقان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏