چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى مىرتا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ غولىدا ھېچقانچە تارماق شاخلىرى يوق بولۇپ، يۇقىرىغا قاراپ تۈپتۈز ئۆسۈپ بارغانسېرى ئىنچىكىلەپ، چوققىسىغا بارغاندا ئاندىن شاخ-يوپۇرماقلارنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق دەرەخ شەكلى بوران زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىشقا پايدىلىق. گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخىنىڭ تۈۋىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە توم بولۇپ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ دىئامېتىرى 10 مېتىرغا يېقىن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى

خەنزۇچە ئىسمى :杏仁桉

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەلللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركىمى :قىزىل مىرتا چاتقىلى تۈركىمى

ئائىلىسى :قىزىل مىرتا چاتقىلى ئائىلىسى

ئۇرۇقدېشى :ئېۋكالىپت دەرىخى ئۇرۇقدىشى

گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى ھەققىدە 

ئاۋسترالىيە ئوتلاقلىرىدا ئېگىزلىكى بۇلۇتقا تاقىشىدىغان بىر خىل گىگانت دەرەخ ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئومۇمەن 100 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئېگىزى 156 مېتىر كېلىدۇ. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى چوڭ شەمشادتىن 14 مېتىر ئېگىز بولۇپ، 50 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە باراۋەر كېلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۇنى «دەرەخلەر دۇنياسىدىكى ئەڭ ئېگىز مۇنار» دېيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏