چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گاسترودىيە ئوتىنىڭ ئېكولوگىيىسى باشقىچە ئۇسلۇبتا بولۇپ، يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى بولمايدۇ، شۇنداقلا چىرىتىپ ياشايدىغان بىر خىل كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يازنىڭ باشلىرىدا يەر ئاستى تۈگۈنەك غولىنىڭ چوققا قىسمىدىن سارغۇچ قىزىل رەڭلىك يەر ئۈستى غولى تىك ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇ خۇددى بىر تال يا ئوقىغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، «شېن نۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى» دا «قىزىل يا ئوقى» دەپ خاتىرىلەنگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :گاسترودىيە ئوتى

خەنزۇچە ئىسمى :天麻

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :تاق پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركىمى :مىكرو تارماق تۈركىمى

ئائىلىسى :تۈلكە مايىقى ئائىلىسى

كەنجى ئائىلىسى :تۈلكە مايىقى كەنجى ئائىلىسى

ئۇرۇقدېشى :گاسترودىيە ئوتى ئۇرۇقدېشى

گاسترودىيە ئوتى ھەققىدە 

گاسترودىيە ئوتىنىڭ ئېكولوگىيىسى باشقىچە ئۇسلۇبتا بولۇپ، يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقى بولمايدۇ، شۇنداقلا چىرىتىپ ياشايدىغان بىر خىل كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يازنىڭ باشلىرىدا يەر ئاستى تۈگۈنەك غولىنىڭ چوققا قىسمىدىن سارغۇچ قىزىل رەڭلىك يەر ئۈستى غولى تىك ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇ خۇددى بىر تال يا ئوقىغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، «شېن نۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى» دا «قىزىل يا ئوقى» دەپ خاتىرىلەنگەن. 

گاسترودىيە ئوتىنىڭ يىلتىزى ۋە يوپۇرماقلىرى يوق، خىلوروفىل كەمچىل بولغاچقا، فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ ئورگانىك ماددا ياسىيالمايدۇ، سۇ ۋە ئانئورگانىك تۇزلارنىمۇ سۈمۈرەلمەيدۇ، ئۇنداقتا ئۇ قانداق ياشايدۇ؟ بوتانىكلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىشى ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە بۇ سىر ئاخىر يېشىلدى. ئەسلىدە سايە ۋە نەم ئورمانلىقتىكى دەرەخلەرنىڭ تۈۋىدە بىر خىل زەمبۇرۇغ پارازىت ياشايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ زەمبۇرۇغ قالپىقى ناۋات رەڭدە، زەمبۇرۇغ سېپىدا بىر ھالقىسى بولغاچقا، «ناۋات رەڭ ھالقىلىق زەمبۇرۇغ» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى گاسترودىيە ئوتىنىڭ يەر ئاستى تۈگۈنەك غولىغا يولۇققاندا ئۇنى پۈتۈنلەي ئورىۋېلىپ ئۇنىڭ ئىچىگە ئۇزىراپ كىرىدۇ ‐ دە، ئۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىدۇ. بۇ چاغدا گاسترودىيە ئوتىنىڭ توقۇلما ھۈجەيرىلىرى باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېزىم ئاجرىتىپ چىقىرىپ ناۋات رەڭ ھالقىلىق زۇمبۇرۇغنىڭ زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىنى ھەزىم قىلىپ ئۆزىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ. ئۇزۇن يىللىق تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا گاسترودىيە ئوتىنىڭ يوپۇرماقلىرى رودىمېنتلىشىپ ھازىرقىدەك غىلاپسىمان تەڭگىچە يوپۇرماققا ئايلانغان، يىلتىزىمۇ رودىمېنتلىشىپ كەتكەن. پۈتۈن تېنىدە بىرئازمۇ يېشىللىق يوق بولۇپ، فوتوسىنتېر ئېلىپ بېرىش ئېھتىياجى بولمىغاچقا، پۈتۈنلەي ناۋات رەڭ ھالقىلىق زەمبۇرۇغنى «يېيىش» كە تايىنىپلا ئۆزىنى باقىدۇ. بىئولوگىيىدە بۇنداق مۇناسىۋەتنى «ئورتاقلىشىپ ياشاش» دەپ ئاتايدۇ. گاسترودىيە ئوتى ناۋات رەڭ ھالقىلىق زەمبۇرۇغ بىلەن ئورتاقلىشىپ ياشايدىغان، تۈلكە مايىقى ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر خىل سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. 

جۇڭيى تېبابىتىدە گاسترودىيە ئوتىنىڭ يەر ئاستى تۈگۈنەك غولى دورا قىلىنىدۇ. ئۇ ئۇزۇنچاق يۇمىلاق شەكىلدە، سارغۇچ ئاق رەڭدە بولۇپ، ھالقا سىزىقچىلىرى بولىدۇ. 9-ۋە 10-ئايلاردا يىغىۋېلىنغانلىرىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏