چۈچۈكبۇيا(ئۆسۈملۈك) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چۈچۈكبۇيا پۇرچاق ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق يېرىم چاتقالسىمان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى تەخمىنەن 0.5 مېتىر، غولىدا تىكەن تۈكچىلىرى بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق شەكىللەندۈرگەن. يازدا كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك گۈل ئاچىدۇ. گۈل تاجىسى كېپىنەكسىمان بولۇپ، ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۈزدە ئورغاق شەكىللىك ياكى ھالقىسىمان تار چوكا مېۋە تۇتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چۈچۈكبۇيا

خەنزۇچە ئىسمى :甘草

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

كەنجى سىنىپى :ئەتىرگۈل كەنجى سىنىپى

تۈركىمى :پۇرچاق تۈركىمى

كەنجى تۈركىمى :ئەتىرگۈل كەنجى تۈركىمى

ئائىلىسى :پۇرچاق ئائىلىسى

كەنجى ئائىلىسى :كېپىنەكگۈللەر كەنجى ئائىلىسى

سىرتقى كۈرىنىشى 

چۈچۈكبۇيا چۈچۈكبۇيا ئۇرۇقدىشىدىكى كۆپ يىللىق يېرىم چاتقالسىمان،  كۆپىنىچە تۈز ياكى ئوتتۇرھال ھالەتتە ئۆسىدىغان دورىلىق ئۆسۈملۈك . توم ھەم كۆپ ئۇچلۇق يىلتىزسىمان غولى بار ، يىلتىزسىمان غولى توغرىسىغا ماڭىدۇ ، كۆپ شاخلايدۇ ؛ ئاساسىي يىلتىزى تۈز ، تۈۋرۈكسىمان ، توم ھەم ئۇزۇن بولىدۇ ، يىلتىز پوستى قىزغۇچ قوڭۇز ياكى قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ . ئىچى قىزغۇچ سېرىق ياكى ئوچۇق سېرىق رەڭدە ، تەمى تاتلىق بولىدۇ . غولى بىر تال ياكى شاخلىق ، تاق سانلىق پەيسىمان نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن مۇرەككەپ يوپۇرمىقى بار ، يوپۇرمىقى 7 ~17 جۈپ ، تۇخۇمسىمان ياكى ئېللىپسسىمان ، گىرۋەكلىرى مۇكەممەل بولۇپ ، ئومۇملاشقان گۈل رېتىدە پۇتاق قولتۇقىدا چېچەكلەيدۇ . چېچىكى سۇس قىزغۇچ سۆسۈن رەڭلىك ، چېچەكلەش مەزگىلى ماي ئېيىدىن ئىيۇل ئېيىغىچە . ئۇزۇن مۆڭگۈزلۈك مېۋىسى يۇمىلاق شەكلىدە بولۇپ ، ئورغاقسىمان ئېگىلىپ ياكى ھالقىسىمان يۆگىلىپ تۇرىدۇ ، ئۇرۇقى شار شەكلىدە بولىدۇ . ئاساسەن سايلىق ئوتلاقلاردا ۋە شورلۇق يەرلەردە ئۆسىدۇ . ئېگىزلىكى تەخمىنەن 0.5 مېتىر، غولىدا تىكەن تۈكچىلىرى بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق شەكىللەندۈرگەن. يازدا كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك گۈل ئاچىدۇ. گۈل تاجىسى كېپىنەكسىمان بولۇپ، ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۈزدە ئورغاق شەكىللىك ياكى ھالقىسىمان تار چوكا مېۋە تۇتىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏