چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مەجنۇنتال تال-تېرەكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى 10 -−20 مېتىر، سۇس سارغۇچ يېشىل ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك كىچىك شاخلىرى ئىنچىكە، يۇمشاق بولۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ ئۆسىدۇ، ئاددىي يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. تار-ئۇزۇن تېمىنە شەكىللىك بولۇپ، ئادەمنىڭ قېشىغا ئوخشايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مەجنۇنتال

خەنزۇچە ئىسمى :垂柳

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

كەنجى سىنىپى :ئارخىخلامىدالار كەنجى سىنىپى

ئائىلىسى :تېرەك-سۆگەت ئائىلىسى

تۈركىمى :تېرەك-سۆگەت تۈركىمى

ئۇرۇقدېشى :سۆگەت ئۇرۇقدېشى

مەجنۇنتال ھەققىدە 

مەجنۇنتالنىڭ قامىتى ئەۋرىشىم، چىرايلىق، شاخلىرى پەسكە ساڭگىلاپ شامالدا ئىرغاڭلاپ تۇرىدۇ، خۇددى يېشىل كىيىملىك قىزچاق ئۇسسۇلغا چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. كىشىلەرگە باھارنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈپ، گۈزەللىك ھۇزۇرى بېغىشلايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «قىزچاق دەرەخ» دېيىشىدۇ.

مەجنۇنتال يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولۇپ، كۆپەيتىش ئاسان، ئۆسۈشى تېز، جىنسسىز كۆپەيتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا بىر بۆلەك تال شېخنى سۇندۇرۇپ ئېلىپ يەرگە سانجىپ قويسىلا يىلتىز تارتىپ بىخلىنالايدۇ. «تال چىۋىقنى سانجىپ قويساڭ مۇنداقلا، پاتلا ئولتۇرارسەن سايىسىدا» دېگەن تەمسىل تال دەرىخىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏