پالەك(ئۆسۈملۈك — كۆكتات) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئوق يىلتىزى گۆشلۈك، رەڭگى قىزىل، تەمى تاتلىق بولۇپ يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن يان يىلتىزلىرى تەرەققىي قىلمىغان. غولى تىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك بولۇپ، 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسكەندىن كېيىن شاخلىنىشقا باشلايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :پالەك

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Spinacia oleracea L

خەنزۇچە ئىسمى :菠菜

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر تۈركىمى

ئائىلىسى :لويلا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :پالەك ئۇرۇقدېشى

تۈرى :پالەك

پالەك ھەققىدە 

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئوق يىلتىزى گۆشلۈك، رەڭگى قىزىل، تەمى تاتلىق بولۇپ يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن يان يىلتىزلىرى تەرەققىي قىلمىغان. غولى تىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك بولۇپ، 50 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسكەندىن كېيىن شاخلىنىشقا باشلايدۇ. كۈزنىڭ ئاخىرلىرى تېرىلغان پالەك كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا چېچەكلەيدۇ، ئەتىيازدا تېرىلغان پالەك باش يازدا چېچەكلەيدۇ. ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ، شامال ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىنىدۇ. ئارىلاپ ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە ئۆسىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇرۇقىنىڭ ئۆمرى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، ئادەتتە 3 ~5 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏