چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇخارگۈل (سەبدەگۈل) نىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، قىرو-سوغۇقلاردىن قورقمايدۇ؛ گۈزەل ھەم خىلمۇخىل، ناھايىتى ھۇزۇرلىنارلىق؛ قەدىمدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىللىي روھىنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ، جۇخارگۈل مېيخۇا گۈلى، كەترەن، بامبۇكلار بىلەن بىللە «تۆت ئېسىلزادە» دېيىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جۇخارگۈل

خەنزۇچە ئىسمى :菊花

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :قوڭغۇراقگۈل تۈركۈمى

ئائىلىسى :جۇخارگۈل ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :جۇخارگۈل ئۇرۇقدىشى

تۈرى :جۇخارگۈل

جۇخارگۈل ھەققىدە 

جۇخارگۈل ئەسلىدە ئۇنداق چىرايلىق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئەجدادى دالىدا ئۆسىدىغان بىر خىل كىچىك سېرىق گۈل ئىدى. ئۇ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك سورتى كۆپ گۈلگە ئايلىنىشتا ئۇزۇن مەزگىللىك سۈنئىي يېتىشتۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگەن. تەبىئەت دۇنياسىدا بەزىدە بىر تۈپ كىچىك جۇخارگۈلنىڭ شېخىدا تۇيۇقسىز بىر تال سېرىق گۈل ئوتتۇرىسىدا يېشىل گۈل ئېچىلىدۇ. بۇ «بىخ ئۆزگىرىشى» دىن بولىدۇ. بۇ كىچىككىنە ئۆزگىرىشمۇ كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغان. شۇڭا كىشىلەر بۇ بىر تال شاخنى كېسىۋېلىپ، توپىغا قەلەمچە قىلىپ تىكىپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋش قىلغان. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ كېيىن ئېچىلىدىغان سېرىق گۈلنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېشىل گۈل ئېچىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان. ئاندىن مۇشۇنداق ئارقا ئارقىدىن ئەۋلاد تاللاش، كۆپەيتىش ئارقىلىق مودەنگۈلگە ئوخشىشىدىغان يېشىل جۇخارگۈل دۇنياغا كەلگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏