چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ماي پالمىسى پالما ئائىلىسىگە كىرىدۇ، ئۇ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ۋە تىك ئۆسىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 مېتىر، غولىنىڭ دىئامېتىرى 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئادەتتە دەرەخ ئاساسىي غولىدا يوپۇرماق تۈۋىلىرى ساقلىنىپ قالىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 ~6 مېتىر بولۇپ، غولنىڭ چوققىسىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ. يېرىقچە يوپۇرماقلىرى تاسمىسىمان تۆمۈنە شەكىللىك بولۇپ، تەخمىنە 50 −60 جۈپ يېرىقچە يوپۇرماقلىرى پەيسىمان جايلىشىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ماي پالمىسى

ئېنگىلىزچە ئىسمى :ElaeisguineensisJacq

خەنزۇچە ئىسمى :油棕

تەۋەلىكى :ئۈسۈلۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :تاق پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

ئائىلىسى :پالما ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ماي پالمىسى ئۇرۇقدېشى

دۇنيا ماي پادىشاھى

ماي پالمىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى كوكۇسقا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، «ماي كوكۇسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى غەربىي ئافرىقا بولۇپ، يۈز نەچچە يىللار ئىلگىرى تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقلىرىدا نامسىز ھالدا ئۆسۈپ كەلگەن. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالغان ۋە ئېتىبارغا ئېلىنغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ دۇنيا «يېشىل ماي ئىسكىلاتى» دىكى بىر چولپان بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «تىللا دەرىخى» گە ئايلانغان. 

ماي پالمىسى دۇنيا بويىچە بىرلىك مەھسۇلاتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر خىل ياغاچ غوللۇق مايلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىر مو يەردىكى ماي پالمىسىدىن 200 كىلوگرام ئەتراپىدا ماي چىقىدۇ. بۇ ئادەتتە خاسىڭنىڭ بىرلىك ماي مەھسۇلاتىدىن 5 −6 ھەسسە، سويا پۇرچاقنىڭ بىرلىك ماي مەھسۇلاتىدىن 10 ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى بولغاچقا، «دۇنيا ماي پادىشاھى» دەپ نام ئالغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏