چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
كەرەپشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، تەركىبىدىكى كالتسىي، فوسفور، تۆمۈرلەرنىڭ مىقدارى باشقا يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ، كەرەپشە يوپۇرمىقىدىكى كارتىن مىقدارى يوپۇرماق سېپىنىڭكىگە قارىغاندا 20 نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمى :كەرەپشە
ئېنگىلىزچە ئىسمى :celery
خەنزۇچە ئىسمى :芹菜
تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى
تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى
سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈركۈمى :كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر تۈركىمى
ئائىلىسى :كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى
كەرەپشە(چىڭسەي) ئۆتكۈر پۇراقلىق بولغاچقا، پۇراقلىق كۆكتات دېيىلىدۇ. ئۇنى خام يېيىشكىمۇ، پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ ھەم تەم تەڭشىگۈچى كۆكتات قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ پۇرىقى يۇمغاقسۈتنىڭ پۇرىقى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەركىبىدە كورىئاندىرىن گلۇكوزىدى، ماننىتول، ئۇچۇچان ماي قاتارلىق خۇش پۇراق ماددىلار بولغاچقا، بەزىلەر ئۇلارنى «ئاچا-سىڭىل خۇش پۇراق ماتېرىيالى» دەپ ئاتايدۇ.
كەرەپشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، تەركىبىدىكى كالتسىي، فوسفور، تۆمۈرلەرنىڭ مىقدارى باشقا يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ، كەرەپشە يوپۇرمىقىدىكى كارتىن مىقدارى يوپۇرماق سېپىنىڭكىگە قارىغاندا 20 نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. بىراق، كىشىلەر كەرەپشە يېگەندە، دائىم يوپۇرماقلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىۋېتىشكە ئادەتلەنگەن، بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى