چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سېرىق ئاكاتسىيە (يەنى سېرىق گۈللۈك ئاكاتسىيە) ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك سېرىق رەڭلىك باشسىمان گۈل رېتى بىلەن ئاۋسترالىيە خەلقىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ، دۆلەت گۈلى قىلىنغان. بۇ دۆلەتنىڭ كوچىلىرى، ھويلا-ئاراملىرى، مەيدانلار، قۇرۇلۇش-بىنالارنىڭ ئەتراپلىرىنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا سېرىق ئاكاتسىيە تىكىپ ئۆستۈرۈلۈپ يول ياقىسىدىكى دەرەخ ياكى كۆچەت چىتلاق (قاشا) قىلىنغان بولۇپ، ئىنتايىن ئازادە ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سېرىق ئاكاتسىيە

خەنزۇچە ئىسمى :金合欢

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئەتىرگۈل تۈركۈمى

ئائىلىسى :پۇرچاق ئائىلىسى

سىرتقى شەكىلى

    سېرىق ئاكاتسىيە پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر خىل كىچىك دەرەخ بولۇپ، ھەر يىلى ئاۋغۇست ئېيىدىن ئۆكتەبىر ئېيىغىچە چېچەكلەيدۇ. ئاكاتسىيىنىڭ گۈلى ئەتىگەندە ئېچىلىپ كەچتە يۇمۇلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ گۈل-يوپۇرماق ساپاقلىرىنىڭ تۈۋى قىسمىدىكى بوغۇمى ئورنىدىكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ يورۇقلۇق ۋە ئىسسىققا بولغان ئىنكاسى ئىنتايىن سەزگۈر بولىدىغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر. سەھەردە قۇياشنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ يەر يۈزىدىكى يورۇقلۇق ۋە تېمپېراتۇرا تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ. گۈل-يوپۇرماق ساپاقلىرىنىڭ تۈۋى قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەر تەدرىجىي سۇ سۈمۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرىلەر كۆپۈپ گۈل-يوپۇرماقلارنى يېيىلدۇرۇپ ئېچىلدۇرىدۇ؛ كەچقۇرۇنلۇقى قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، گۈل-يوپۇرماق ساپاقلىرى تۈۋىدىكى ھۈجەيرىلەر تەدرىجىي سۇ چىقىرىپ سۇسىزلىنىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن گۈل-يوپۇرماقلار يۇمۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا، سېرىق ئاكاتسىيە يەنە «كېچىدە يۇمۇلۇپ قالىدىغان گۈل» ، «يوپۇرمىقى يۇمۇلىدىغان گۈل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏