سەۋزە(كۆكتاتنىڭ بىر تۈرى) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سەۋزە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆكتات، شۇنداقلا غەربچە تائاملاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ. ياپونىيىدە بولسا «مېھرىگىياھ» قا ئوخشاش قەدىرلىنىپ ھەممە ئادەم بەس-بەستە سېتىۋالىدۇ. سەۋزىدىكى كاروتىن ئادەم تېنىدە ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، راكقا قارشى تۇرىدىغان ۋە ساقلىقنى ساقلايدىغان رولى بولغاچقا «ئۆمۈرگە شىپا كۆكتات» دەپ نام ئالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سەۋزە(ئەسلى پارىسچە سۆز)

ئېنگىلىزچە ئىسمى :carrot

خەنزۇچە ئىسمى :胡萝卜

تارقالغان رايونلار :دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

ئائىلىسى :كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :سەۋزە ئۇرۇقدىشى

باشقىچە ئاتىلىشى :زەدەك

سىرتقى شەكىلى

     

     سەۋزە كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئىستېمال قىلىنىدىغان قىسمى ئۇنىڭ گۆشلەشكەن ئوق يىلتىزى بولۇپ، ئادەتتە يۇمىلاق كونۇس شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولىدۇ. رەڭگى قىزىل، سېرىق، ئاق رەڭلەردە بولۇپ، قىزىل ۋە سېرىق رەڭدىكىلىرى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏