چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش نورۇز گۈل ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، 16 مېتىرغىچە ئۆسەلەيدۇ. لېكىن، باغچىلاردا ئومۇمەن ئېگىزلىكى5 مېتىر ئەتراپىدىكى كىچىك دەرەخ سورتلىرى يېتىلدۈرۈپ چىقىلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :نورۇز گۈل

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Cherry Tree

خەنزۇچە ئىسمى :樱花

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئەتىرگۈل تۈركىمى

ئائىلىسى :ئەتىرگۈل ئائىلىسى

نورۇز گۈل بايرىمى 

نورۇز گۈل ياپونىيە خەلقىنىڭ غۇرۇرى. ئۇ خۇددى ھەيۋەتلىك فۇجى-سان تېغىغا ئوخشاش ئىشچانلىق، باتۇرلۇق ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ سىمۋولى. ھەر يىلقى15-مارت كۈنى، ياپونىيىنىڭ نورۇز گۈل بايرىمى. بۇ كۈنى ئەر-ئايال، قېرى-ياش ياپونىيىلىكلەرنىڭ ھەممىسى باغچىلارغا ياكى دالىلارغا بېرىپ نورۇز گۈلنى تاماشا قىلىدۇ. بۇ كۈنى توكيونىڭ ئۇئېنو باغچىسىدا نورۇز زىياپىتى، نورۇز يەرمەنكىسى، نورۇز ئۇسسۇلى قاتارلىق خىلمۇخىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. ياپونىيە نورۇز گۈللىرىنىڭ بىر مەشھۇر سورتى − «سەككىز قات نورۇز(باچۇڭ يىڭ) » گۈل توكيونىڭ شىنجيۇگۇ باغچىسىدا پورەكلەپ ئېچىلغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەنە بۇ يەردە «نورۇز گۈل سەيلىسى» ئۇيۇشتۇرۇپ، چەت ئەللىك مېھمانلار ۋە جەمئىيەتتىكى داڭدار كىشىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏