چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كۈزلۈك يېسسىۋىلەك كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى، قىچا ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، چوڭىيىپ گۆشلەشكەن ئوق يىلتىزغا ئايلانغان. يوپۇرماقلىرى سىرتقى يوپۇرماق ۋە كاللەكلەشكۈچى يوپۇرماق دەپ بۆلۈنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :كۈزلۈك يېسسىۋىلەك

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Chinese cabbage

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

ئائىلىسى :كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى

كۈزلۈك يېسسىۋىلەك ھەققىدە 

كۈزلۈك يېسسىۋىلەك كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى، قىچا ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، چوڭىيىپ گۆشلەشكەن ئوق يىلتىزغا ئايلانغان. يوپۇرماقلىرى سىرتقى يوپۇرماق ۋە كاللەكلەشكۈچى يوپۇرماق دەپ بۆلۈنىدۇ. سىرتقى يوپۇرمىقى يېشىل رەڭدە بولۇپ، يەرگە يېيىلىپ ئۆسىدۇ؛ ئىچكى قىسمىدىكى كاللەكلەشكۈچى يوپۇرمىقى ئاق سېرىق ياكى ئاق رەڭدە بولۇپ، ئوزۇقلۇقلارنى زاپاس ساقلايدىغان ئامبار ھېسابلىنىدۇ. كۈزلۈك يېسسىۋىلەكنىڭ كاللەكلىشىشى سىرتقى مۇھىتتىكى قاتتىق سوغۇققا بولغان بىر خىل ماسلىشىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. باش ئېلىش مەركىزىدىكى دەسلەپكى يوپۇرماقلىرىدىن باشلاپ ئاساسىي بىخىنى ئوتتۇرىغا ئورىۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏