چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سۆگەتگۈل(تالگۈل) نىڭ يۇرتى ھىندىستان ۋە ئىران بولۇپ، 15-ئەسىرگە كەلگەندە بىر خىل نەپىس مەنزىرە ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە مەملىكىتىمىزگە ئېلىپ كىرىلگەن. يوپۇرمىقى بامبۇكنىڭكىگە، گۈلى شاپتۇل چېچىكىگە ئوخشاش بولغاچقا، خەنزۇچە «جياجۇتاۋ» (بامبۇك-شاپتۇل ئارىلىقىدىكى ئۆسۈملۈك دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سۆگەتگۈل

خەنزۇچە ئىسمى :夹竹桃

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر تىپى

ئائىلىسى :سۆگەتگۈل ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :سۆگەتگۈل ئۇرۇقدىشى

تۈرى :سۆگەتگۈل

ياشاش ئالاھىدىلىكى

    سۆگەتگۈل يوپۇرمىقىنىڭ يۈزىدە موم ماددىسى بولىدۇ. سۆگەتگۈلنىڭ ھەم قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ھەم زەھەرلىك گازلار ۋە چاڭ-توزانلار يامراپ كەتكەن ناچار مۇھىتتىمۇ نورمال ياشاۋېرىدۇ. تەجرىبە قىلىنىشىچە، گۈڭگۈرت(Ⅳ) ئوكسىد بىلەن ئېغىر بۇلغانغان مۇھىتتا، باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈللىرى تۆكۈلۈپ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىدىكەن، لېكىن، سۆگەتگۈلنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرى يەنىلا باراقسان بولۇپ ئادەتتىكىدەك ئۆسۈۋېرىدىكەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏