مودەنگۈل(گۈل، ئۆسۈملۈك) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مودەنگۈل ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىرى 2 مېتىرغا يېتىدۇ، ئادەتتە 1 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. گۈلى شاخ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈلىنىڭ دىئامېتىرى 16 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا خېلىلا چوڭ دېيىشكە بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مودەنگۈل

خەنزۇچە ئىسمى :牡丹

تەۋەلىكى :ئۈسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئېيىقتاپان تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئېيىقتاپان ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :چۇغلۇق ئۇرۇقدىشى

مودەنگۈل ھەققىدە 

جۇڭگو مودەنگۈلىنىڭ تۈپ شەكلى كۆركەم، گۈل تۈسى چىرايلىق، يارقىن، خۇش پۇرىقى يېقىملىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى داڭدار گۈللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى ھېسابلىنىدۇ. «گۈللەر شاھى» ، «ئەڭ گۈزەل گۈل» دەپ تەرىپلىنىدۇ. تاڭ سۇلالىسىدىكى شائىر ليۇ يۈشى ئەينى چاغدىكى پايتەختنىڭ مودەنگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىدىغان پەسلىنى تەسۋىرلەپ «بىر مودەنگۈلىلا چىرايلىق زېنھار، ئېچىلسا شەھەرگە زىلزىلە سالار» دەپ يازغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏