چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مايلىق چاي دەرىخى چاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى سۇس سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، غولى سىلىق ھەم يېرىلمايدۇ. يوپۇرمىقى تېرىلەشكەن ھەم تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، تېيىز يېرىقچىلىرى بولىدۇ. كۈز پەسلىدە چوڭ تىپتىكى ئاق گۈللىرى ئېچىلىدىغان بولغاچقا، «ئاق گۈللۈك چاي دەرىخى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :مايلىق چاي دەرىخى

تەۋەلىكى :ئۈسۈلۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۈسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۈسۈملۈكلەرسىنىپى

تۈركۈمى :كاككۇكگۈل تۈركىمى

ئائىلىسى :چاي ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :چاي ئۇرۇقدېشى

مايلىق چاي دەرىخى ھەققىدە 

مايلىق چاي دەرىخى پەقەت جۇڭگودىلا بولىدىغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي دەرەخ تۈرى، شۇنداقلا جەنۇبىي جۇڭگونىڭ پەس تاغلىق رايونلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم يېمەكلىك ماي ئۆسۈملۈكى بولغان دەرەخ تۈرى بولۇپ، 2000 يىلدىن ئارتۇق تىكىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە. 

مايلىق چاي دەرىخى چاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى سۇس سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، غولى سىلىق ھەم يېرىلمايدۇ. يوپۇرمىقى تېرىلەشكەن ھەم تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، تېيىز يېرىقچىلىرى بولىدۇ. كۈز پەسلىدە چوڭ تىپتىكى ئاق گۈللىرى ئېچىلىدىغان بولغاچقا، «ئاق گۈللۈك چاي دەرىخى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاتىلىقلىرىنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، گۈل يىپچىلىرىدا تۈكچىلىرى بولمايدۇ؛ ئانىلىقنىڭ ئانىلىق تۇمشۇقى ئۈچكە يېرىلىدۇ. مېۋىسى شار شەكىللىك غوزەك مېۋە، مېۋە شۆپۈكى قېلىن بولۇپ، ئۇرۇقىدا بىردىن ئۈچكىچە قىرلىق مۈڭگۈزى بولىدۇ ھەم كېيىنكى يىلى كۈزدە پىشىدۇ. 

مايلىق چاي دەرىخىنىڭ ئۇرۇقىدىن ماي ئېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ مېغىزىدىكى ماي مىقدارى %2.59 كە يېتىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ماي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مايلىق چاي دەرىخىنىڭ مېيى ئۆسۈملۈك مايلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىقى بولۇپ، تەركىبىدىكى ئولېئىك كىسلاتاسى(ماي كىسلاتاسى) %3.83 كە، لىنولېئىك كىسلاتا %4.7 كە يېتىدۇ. ئۇ ئادەم تېنىدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا، ئوزۇقلۇقشۇناسلار ئۇنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلماقتا. مايلىق چاي دەرىخىنىڭ مېيى ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىنسىمۇ كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏