چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لەھەڭ ئاكۇلا ئەڭ چوڭ بېلىق بولۇپ، گەۋدىسىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھايۋان-كىتتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لەھەڭ ئاكۇلانىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئادەتتە بىرقانچە مېتىردىن ئاشىدۇ، 1919-يىلى سىيام قولتۇقىدىن تۇتۇۋېلىنغان چوڭ لەھەڭ ئاكۇلانىڭ ئۇزۇنلۇقى 17.7 مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 40 يېرىم توننا كەلگەن. ئۇ ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ لەھەڭ ئاكۇلا ھېسابلىنىدۇ. كىچىك كېمىلەر بۇنداق چوڭ بېلىققا ئۇچراپ قالسا، دەرھال ئۇنىڭغا يول بېرىش كېرەك، بولمىسا ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :لەھەڭ

خەنزۇچە ئىسمى :

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسىغا تەۋە

سىنىپى :كۆمۈرچەكلىك بېلىق سىنىپى

لەھەڭ ئاكۇلانىڭ سىرتقى شەكلى

 لەھەڭ ئاكۇلانىڭ تۇرقى ئالاھىدە بولۇپ، باشقا ئاكۇلالار دىن خېلى كۆپ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاكۇلانىڭ ئېغىزى باش قىسىمىنىڭ قورساق تەرىپىدە بولسا، لەھەڭ ئاكۇلانىڭ ئېغىزىنىڭ بېشىنىڭ ئالدىدىكى ئۇچىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ساقىقىمۇ باشقا بېلىقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ساقاق يايىدا مۈڭگۈز ماددىسىدىن تۈزۈلگەن ساقاق تىرنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئاق ياكى سېرىق داغلار بولىدۇ. گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىدە بېشىنىڭ ئارقىسىدىن تارتىپ قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىغىچە ئاق ياكى سېرىق 30 تال توغرا سىزىق بولىدۇ. ھەربىر يېنىدا ئىككى تال كۆرۈنەرلىك تېرە قىرلىرى بولىدۇ. ئۇ غەلىتە كۆرۈنىدۇ. ئوكيان ئاكۇلىسى دائىم تولىشىپ، تىزىلىپ سۇ يۈزىدە ئۈزىدۇ. بەزىدە يېقىن دېڭىزلارغا كېلىپ قالىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏