چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ ۋە پەسىيىپ تۇرىدىغان سازلىق ۋە پاتقاقلىق دېڭىز ساھىلىدە بىر خىل ئۆزگىرىشچان كىچىك قىسقۇچ پاقا ياشايدۇ. بۇ قىسقۇچ پاقا دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەركىكىنىڭ بىر تال ھەيۋەتلىك يوغان قىزىل قىسقۇچ توختىماي ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، خۇددى دولقۇنغا تەلپۈنگەندەك يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ قىسقۇچ پاقا دولقۇنغا تەلپۈنىدىغان قىسقۇچ پاقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقا

خەنزۇچە ئىسمى :招潮蟹

باشقا نامى :Calling Crab

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى

تۈركىمى :ئون ئاياغلىقلار تۈركىمى

ئائىلىسى :سايازلىق كرابلىرى ئائىلىسى

ئۇرۇقدېشى :ئۇكا قىسقۇچپاقىسى ئۇرۇقدېشى

دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقا ھەققىدە 

دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ ۋە پەسىيىپ تۇرىدىغان سازلىق ۋە پاتقاقلىق دېڭىز ساھىلىدە بىر خىل ئۆزگىرىشچان كىچىك قىسقۇچ پاقا ياشايدۇ. بۇ قىسقۇچ پاقا دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەركىكىنىڭ بىر تال ھەيۋەتلىك يوغان قىزىل قىسقۇچ توختىماي ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ، خۇددى دولقۇنغا تەلپۈنگەندەك يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ قىسقۇچ پاقا دولقۇنغا تەلپۈنىدىغان قىسقۇچ پاقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ ئۇنىڭ چوڭ گەۋدىسىنىڭ ئالدىغا سوزۇلغاندا خۇددى ئىسكرىپكا تارتىۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ئىسكىرىپكىسىمان قىسقۇچ پاقا ياكى ئىسكىرىپكىچى قىسقۇچ پاقا دەپمۇ ئاتايدۇ. 

 ياشاش ئادىتى

دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقىنىڭ ياشاش ئادىتى پۈتۈنلەي دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىشىگە بويسۇنىدۇ. دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلگەندە، ئۇ تۆشۈككە كىرىپ دەم ئالىدۇ. دېڭىز سۈيى پەسەيگەندە، سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ رەڭگى كۈنىگە سەككىز قېتىم ئۆزگىرىدۇ. بىر سوتكىدىكى 24 سائەت ئىچىدە رەڭگى ھەرخىل بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ، كۈننىڭ چىقىش-چىقماسلىقى ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كېچىدە رەڭگى سارغۇچ بولىدۇ؛ ئەتىگىنى كۈن چىققاندا رەڭگى بارغانسېرى قېنىق تۈسكە كىرىدۇ؛ كۈندۈزى دېڭىز سۈيى پەسەيگەندە، ئۇ تازا جانلىنىپ كېتىدۇ، رەڭگى ئەڭ قېنىق تۈسكە كىرىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش ۋە پەسىيىش ۋاقتى كۈندىن-كۈنگە 50 مىنۇت كەينىگە سوزۇلۇپ بارغاندا، دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقا رەڭگىنىڭ ئەڭ قېنىق بولىدىغان ۋاقتىمۇ كۈندىن-كۈنگە تەخمىنەن 50 مىنۇت كەينىگە سۈرۈلۈپ بارىدۇ. بۇنداق رەڭ ئۆزگىرىش ھادىسىسى دېڭىز سۈيىنىڭ 24 سائەت 50 مىنۇتلۇق كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشىدىكى رېتىملىق قانۇنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق دولقۇن چاقىرغۇچ قىسقۇچ پاقا، يەنى قىسقۇچ پاقىلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۆزگىرىشچان پاقا ھېسابلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدا دولقۇن چاقىرغۇچى قىسقۇچ پاقىلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏