چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كۆك كىتبولسا بىر خىل دېڭىزدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ بىرى ،جەمئىي تۆت كەنجى تۈرى بار ،كۆك كىت دۇنيادا ياشاۋاتقان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ھەجىمى ئەڭ چوڭ بولغان ھايۋان ھېساپلىنىدۇ ،ئۇزۇنلىقى 33 مېتىرغا يېتىدۇ ،ئېغىرلىقى 200 توننا ،كۆك كىتنىڭ بەدەن شەكلى ئۇزۇنچاق ھالەتتە ، دۈمبە قىسىمى كۆكۈچ كۈلرەڭ ،لېكىن سۇدا قارىماققا سۇس رەڭدە كۆرىنىدۇ ،،باشقا بۇرۇتلۇق كىتقا ئوخشاش ،كۆك كىتمۇ قاسراق تۈرىنى ۋە كىچىك بېلىق تۈرنى ئىستىمال قىلىدۇ ،كۆك كىت ئادەتتە كۈندۈزى 100 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلىقتىن ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ ،كېچىسى ئاندىن سۇ يۈزىدىن ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ،كۆك كىت ئادەتتە كەچ كۈزدە جۈپلىشىش مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ تاكى قىشنىڭ ئاخىرىغىچە ،ئىككى ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تۇغىدۇ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :كۆك كىت

خەنزۇچە ئىسمى :蓝鲸

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسىغا تەۋە

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :كىت تۈركۈمى

ئائىلىسى :كىت ئائىلىسى

تۈرى :كۆك كىت

سىرتقى شەكىلى

2پارچەكۆك كىت     كۆك كىت ئەڭ چوڭ كىت تۈرى بولۇپلا قالماي يەنە ، نۆۋەتتە ياشاۋاتقان ئەڭ چوڭ ھايۋان ،ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ،لېكىن ئېغىرلىقىنى سېلىشتۇرۇش تەس ،ئومۇمەن بەدەن ئۇزۇنلىقى 22- 33 مېتىرغىچە ، بەدەن ئېغىرلىقى 150 توننىدىن 200 توننىغىچە بولۇپ ، بەدەن ئېغىرلىقى جەھەتتىن 25 ئافرىقا پىلىغا توغرا كېلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ ،ياكى 2000 -3000 ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغاتوغرا  كېلىدۇ ،ھېلىمۇ ياخشى ،سۇنىڭ لەيلىتىش كۈچىنىڭ رولى بىلەن  ، قۇرۇقلۇق ھايۋىنىغا ئوخشاش كۈچ سەرپ قىلىپ ئۆزىنىڭ بەدىنىنى كۆتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ، غايەت زور بەدىنى ئۆزىنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى ساقلاپ تۇرىشىغا پايدىلىق كۆك كىتنىڭ بەدىنى سۇس كۆك رەڭدە ،پۈتۈن بەدىنى سۇيۇر شەكىلدە بولۇپ قارىماققا بىر ئۇستۇراغا ئوخشايدۇ ، كۆك كىتنىڭ بېشى ئىنتايىن يوغان بولىدۇ،تىلىنىڭ ئۈستىدىمۇ 50 ئادەم تۇرالايدۇ ،ئۇنىڭ يۈرىكى كىچىك ماشىنىچىلىك كېلىدۇ ،يېڭىدىن تۇغۇلغان كىت بالىسى ئادەتتىكى پىلنىڭ ئېغىرلىغىچىلىك بولىدۇ ،ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ ، ھەر 24 سائەتتە 90 كېلوگىرام ئېغىرلايدۇ .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏