چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كۈن تۇتۇلۇش بولسا ئاي شارىنىڭ ئايلىنىپ قۇياش بىلەن يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ ،ئەگەر ئۈچى بىرتۈز سىزىق ئۈستىگە كېلىپ قالغاندا ،ئاي شارى قۇياشنىڭ يەر شارىغا چۈشكەن نۇرىنى توسىۋالىدۇ ،ئاي شارىنىڭ كەينىدىكى قارا سايە يەر شارىغا چۈشىدۇ ،بۇ ۋاقىتتا دەل كۈن تۇتۇلۇش يۈز بېرىدۇ .كۈن تۇتۇلۇش پەقەت قەمەرىيە كالېندارى بويىچە ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ، ئاي شارى بىلەن قۇياش ئۆز-ئارا ئۇدۇل كەلگەندە يۈز بېرىدۇ ،كۈن تۇتۇلۇش قۇياشنىڭ قىسمەن تۇتۇلىشى ،كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلىشى ،كۈننىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلىشى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .كۈننىڭ تۇتۇلىشىنى كۆرگەندە بىۋاستە قۇياشقا قارىماسلىق كېرەك ،بولمىسا كور بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كۈن تۇتۇلۇش

خەنزۇچە نامى :日食

تەبىي ھادىسىسى :ئاي قۇياش يەر شارى بىرتۈزسىزىقتا ئاي ئوتتۇرىسىدا

سەۋەبى :نۇرنىڭ تۈز سىزىق بويىچە تارقىلىشى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

      

ئاي شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلانغاندا ، ئەگەر ئايلىنىپ دەل قۇياش بىلەن يەرشارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ قالغاندا  يەنى ئۈچى بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاي شارى قۇىياشنىڭ يەر شارىغا چۈىشىدىغان يورۇقلۇقىنى توسۇۋالىدۇ شۇنىڭ بىلەن يەر شارىدا قارا سايە پەيدا بولىدۇ بۇ خىل ئەھۋال ئاستىرنومىيە ئىلىمىدە كۈننىڭ تۇتۇلىشى دەپ ئاتىلىدۇ .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏