چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئالا قوڭغۇز—قالقان قاناتلىقلار ئەترىتىنىڭ مايكىلار ئائىلىسىدىكى ئالا قوڭغۇز ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان ئەڭ زەھەرلىك قوڭغۇز، ئالا قوڭغۇزنىڭ دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 2300 دىن ئارتۇق تۈرى بار، ئېلىمىزدە بولسا 29 تۈرى بار. ئالا قوڭغۇزنىڭ پۈتۈن بەدىنى قارا تىۋىت بىلەن قاپلانغان، قانىتى ئۇزۇن ئىللىپىس شەكلىدە كەلگەن، تېنى يۇمشاق، ئۇزۇنلۇقى 11-30 مىللىمېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئالا قوڭغۇز

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Lytta vesicatoria

خەنزۇچە ئىسمى :斑蝥

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى

سىنىپى :ھاشاراتلەر سىنىپى

تۈركۈمى :قالقان قاناتلىقلار تۈركىمى

ئائىلىسى :مايكىلار ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئالا قوڭغۇز ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئالا قوڭغۇز

ئالا قوڭغۇز ھەققىدە 

ئالا قوڭغۇز—ئالا قوڭغۇز—قالقان قاناتلىقلار ئەترىتىنىڭ مايكىلار ئائىلىسىدىكى ئالا قوڭغۇز ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان ئەڭ زەھەرلىك قوڭغۇز، ئالا قوڭغۇزنىڭ دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 2300 دىن ئارتۇق تۈرى بار، ئېلىمىزدە بولسا 29 تۈرى بار. ئالا قوڭغۇزنىڭ پۈتۈن بەدىنى قارا تىۋىت بىلەن قاپلانغان، قانىتى ئۇزۇن ئىللىپىس شەكلىدە كەلگەن، تېنى يۇمشاق، ئۇزۇنلۇقى 11-30 مىللىمېتىر كېلىدۇ. قانىتىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا ئىككى چوڭ سېرىق داغ بار. ئوتتۇرىسىنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تەرىپىدە بىردىن دولقۇنسىمان سېرىق بەلباغ بار، پۇتىدا قارا ئۇزۇن تىۋىت بولۇپ، سېرىق پۇرچاق، خاسىڭ، چەيزىگە ئوخشاش زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇلار مەملىكىتىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان. 

ئالا قوڭغۇز كۆپىنچە توپلىشىپ ئۇزۇقلىنىدۇ، توپلىشىپ ئۇچىدۇ، ئۈركىگەندە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، پۇت بوغۇمىدىن سېرىق زەھەرلىك سۇيۇقلۇق چىقىرىدۇ. بۇ سېرىق زەھەرلىك سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبىدە كۈچلۈك كانتارىدىن بار. بۇنىڭ زەھىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ھۈجەيرە توقۇلمىسىنى بۇزالايدۇ، ئادەمنىڭ بەدىنىگە تەگسە، تېرىنى قاپارتىپ قويىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏