چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھاشاراتلارنىڭ بېشىدا ئادەتتە بىر جۈپ مۇرەككەپ كۆز بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ئۈچ دانە تاق كۆزىمۇ بولىدۇ. بۇلار ئاساسىي كۆرۈش ئەزاسى بولۇپ، ھاشاراتلارنىڭ ئۇزۇقلۇق تېپىش، ئۆسۈش، كۆپىيىشكە ئوخشاش پائالىيەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.يىڭناغۇچنىڭ مۇرەككەپ كۆزى بارلىق ھاشاراتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ ،ئەڭ كۆپ ھاشارەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :يىڭناغۇچ

خەنزۇچە ئىسمى :蜻蜒

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسىغا تەۋە

سىنىپى :ھاشاراتلار سىنىپى

تۈركۈمى :يىڭناغۇچ تۈركۈمى

قىسقىچە مەزمۇنى

 يىڭناغۇچنىڭ مۇرەككەپ كۆزى بارلىق ھاشاراتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ بولۇپ، بېشىنىڭ ئىككى يېنىدا تومپىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ. بېشىنىڭ ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇ 28000 دانە كىچىك كۆزدىن تەركىب تاپقان. يىڭناغۇچنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناھايىتى تەرەققىي تاپقان بولۇپ، ئۇچۇپ كېتىۋېتىپمۇ ئوششاق ھاشاراتلارنى تۇتۇپ يەيدۇ؛ ئۇلار ئوت-چۆپلەرنىڭ غولىدا تۇرۇپ ئۆتۈۋاتقان ئادەمنىڭ كۆلەڭگۈسىنى سېزىۋالالايدۇ. كېپىنەكنىڭ مۇرەككەپ كۆزى يىڭناغۇچنىڭكىدىن كىچىك، ئۇ 12000 ~ 17000 دانە كىچىك كۆزدىن تەركىب تاپقان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏