چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قارا قۇيۇننىڭ دائىرىسى چوڭ بولمايدۇ، ئادەتتە، بىر نەچچە ئون مېتىردىن بىر نەچچە يۈز مېتىر ئارىلىقىدىلا بولىدۇ. داۋام قىلىش ۋاقتىمۇ ئۇزاققا سوزۇلمايدۇ. ئادەتتە، بىر نەچچە مىنۇتتىن بىر قانچە ئون مىنۇتقا بارىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر نەچچە سائەتتىن ئاشمايدۇ. قارا قۇيۇننىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئادەتتىن تاشقىرى زور بولىدۇ، ئۇ يېتىپ بارغانلىكى يەردە دەھشەتلىك دولقۇن كۆتۈرۈلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :قارا قۇيۇن

خەنزۇچە ئىسمى :龙卷风

باشقا نامى :Tornado

قارا قۇيۇن

دېڭىز ياقىسىدا ياسايدىغان كىشىلەر ھاۋارايىدا يۈز بېرىدىغان ئاجايىپ ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ. ئاسماندا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغىدىغان قويۇق بۇلۇت پەيدا بولغاندا، بەزىدە ئۇنىڭدىن بىر تال قارا قۇيرۇق سوزۇلۇپ چىقىدۇ. قەدىمكىلەر ئۇنى «ئەجدىھا» دەپ ئاتىغان. ئۇ غايەت زور ۋارونكىغا ئوخشاش ناھايىتى تېزلا دېڭىز يۈزىگە سوزۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇ يۈزىدە دەررۇ سۇ تۆۋرۈكى پەيدا بولىدۇ-دە، بۇلۇت بىلەن سۇ تۇتىشىپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك تۈس ئالىدۇ. كىشىلەر ئۇنى «ئەجدىھانىڭ سۇنى سۈمۈرۈشى» دەپ ئاتايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ شىددەتلىك قۇيۇن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئەجدىھا» بىلەن مۇناسىتى يوق. بۇ قۇيۇن مېتېئورولوگىيىدە «قارا قۇيۇن» دەپ ئاتىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏