چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇچار بېلىق سەل ئۇزۇنراق بولۇپ، سېلىندىر شەكلىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ. رەڭگى كوكۇمتول بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 20 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ كۆكرەك ئۈزگۈچ قانىتى، خۇددى قۇشلارنىڭ قانتىغا ئوخشاش ئالاھىدە زور بولىدۇ؛ قورساق ئۈزگۈز قانىتى زور بولۇپ، لەيلەپ ئۇچۇشقا ياردەم بېرىدۇ. قۇيرۇق ئۈزگۈچ قانىتى ئاچا بولۇپ، تۆۋەن قىسمى يۇقۇرقى قىسمىدىن ئۇزۇنراق بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئۇچار بېلىق

ئېنگىلىزچە ئىسمى :flying fish

خەنزۇچە ئىسمى :飞鱼

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

تۈركۈمى :تىكەنلىك يىڭنىبېلىق تۈركىمى

ئائىلىسى :ئۇچار بېلىق ئائىلىسى

ئەڭ يىراققا ئۇچىدىغان بېلىق  

ئۇچالايدىغان بېلىقلار ئىچىدە ئۇچار بېلىقنىڭ ئۇچۇش قابىلىيىتى ناھايىتى ئۈستۈن، ئۇ ئەڭ يىراققا ئۇچۇپ بارالايدۇ. بەزىلەر ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىسىق بەلۋاغ قىسىمىدا ئۇچار بېلىقنىڭ 90 سىكونت ئىچىدە 11 مېتىر ئېگىزلىكتە 1000 مېتىردىن كۆپرەك ئۇچقانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. لېكىن بېلىقنىڭ ئۇچۇشى، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بىرخىل لەيلەپ ئۇچۇش ھېسابلىنىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏