چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تېنچ ئوكيان ئاتلانتىك ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياننىڭ ئىسىسىق بەلۋاغ دېڭىزلىرىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تاشپاقا-لۇت (قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا) ياشايدۇ. ئۇ تېرىلىك تاشپاقا دەپمۇ، تېنچ ئوكيان تېرە دۈمبىلىك تاشپاقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.لۇتنىڭ قېپى باشقا تاشپاقىلارنىڭ قېپىدەك قاتتىق مۈڭگۈز ماددىلىق قاپ ئەمەس.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا

ئېنگىلىزچە ئىسمى :Leatherback Turtle

خەنزۇچە ئىسمى :棱皮龟

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :تاشپاقا تۈركۈمى

ئائىلىسى :قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا ئۇرۇقدېشى

تۈرى :قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا تۈرى

قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا ھەققىدە 

تېنچ ئوكيان ئاتلانتىك ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياننىڭ ئىسىسىق بەلۋاغ دېڭىزلىرىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تاشپاقا-لۇت(قىرلىق تېرىلىك تاشپاقا) ياشايدۇ. ئۇ تېرىلىك تاشپاقا دەپمۇ، تېنچ ئوكيان تېرە دۈمبىلىك تاشپاقىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

لۇتنىڭ قېپى باشقا تاشپاقىلارنىڭ قېپىدەك قاتتىق مۈڭگۈز ماددىلىق قاپ ئەمەس، بەلكى يۇمشاق تېرىلىك قاپ. ئۇنىڭ دۈمبىسى يۈرەك شەكىلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇزۇنىسىغا يەتتە تال قىر بار، قىرلار ئارىسى ئېرىقسىمان كەلگەن. بۇ قىرلار نۇرغۇنلىغان رەتسىز كۆپ بۇلۇڭلۇق ئۇششاق سۆڭەك تاختىلىرىدىن تەركىب تاپقان. قورساق قېپى سۈڭەكلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بەش تال ئۇزۇن قىر بار. تۆت پۇتى ئۇزاق مۇددەتتىن بۇيان دېڭىز-ئوكيانلاردا ياشاشقا ماسلىشىپ كەتكەنلىكتىن، پالاقسىمان بولۇپ قالغان. ئالدى پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن، دۈمبە قېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 1-2 مېتىر، تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 200 كىلوگىرامچە كېلىدۇ؛ ئەمما ئەڭ چوڭ دەپ خاتىرلەنگەنلىرىنىڭ دۈمبە قېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2.5 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 715 كىلوگرامغا يەتكەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏