چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شەرقىي جۇ سۇلالىسى قۇرۇلغان مەزگىل (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 770-يىلى) دىن تارتىپ چىن شىخۇاڭنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى) گىچە بولغان 500 نەچچە يىل ئادەتتە ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرىدىن ئىبارەت ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 476-يىلىدىن بۇرۇنقى دەۋر ئەمىنىيە دەۋرىدۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

نامى :ئەمىنىيە دەۋرى

خەنزۇچە نامى :春秋时期

دەسلەپكى مەزگىللىرى

شەرقىي جۇ سۇلالىسى قۇرۇلغان مەزگىل (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 770-يىلى) دىن تارتىپ چىن شىخۇاڭنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى(مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى) گىچە بولغان 500 نەچچە يىل ئادەتتە ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرىدىن ئىبارەت ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 476-يىلىدىن بۇرۇنقى دەۋر ئەمىنىيە دەۋرىدۇر. بۇ دەۋر كۇڭزى تۈزگەن لۇ بەگلىكىنىڭ تارىخى − «ئەمىنىيە» ( «چۈنچيۇ» ) نىڭ دەۋرى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش؛ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 475-يىلىدىن چىن سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگىچە بولغان دەۋر يېغىلىق دەۋرى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە چىن، چى قاتارلىق يەتتە چوڭ بەگلىك ئوتتۇرىسىدا ئۇدا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ تۇردى، ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرى جۇڭگو تارىخىدىكى داۋالغۇش ۋە ئۆزگىرىش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ.

جۇپىڭۋاڭ پايتەختنى شەرققە كۆچۈرگەندىن كېيىن، جۇ سۇلالىسىنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەندى. كۈچلۈك سۇيۇرغال بەگلىكلەر ئۈزۈلدۈرمەي قوشۇۋېلىش ئۇرۇشلىرىنى قوزغىغاچقا، بەگلىكلەرنىڭ ھاكىمبەگلىك تالىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ئەمىنىيە دەۋرىدە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چى خۇەنگۇڭ، جىن ۋېنگۇڭ، چىن مۇگۇڭ، چۇ جۇاڭۋاڭ ۋە سۇڭ شياڭگۇڭدىن ئىبارەت بەش ھاكىمبەگ مەيدانغا كەلدى. ئۇرۇش غەربىي جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇششاق بەگلىكلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇۋېلىشىدەك ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ، قىسمەن رايونلارنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭدەك مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رايون پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە قوشۇلۇشنى كۈچەيتىپ، كېيىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئاساس سالدى.

ئەمىنىيە دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇرۇشقا قاتناشقان بەگلىكلەر ھاللىنىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئۇرۇشنى توختىتىپ تىنچ ئۆتۈش ھەرىكىتى بارلىققا كەلدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 546-يىلى 14 بەگلىك قاتناشقان «ئۇرۇش توختىتىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن كېيىن، ئاساسلىق جەڭگاھ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا يۆتكىلىپ، جەنۇبتىكى چۇ، ۋۇ، يۆ بەگلىكلىرى ھاكىمبەگلىك تالىشىپ كۆپ قېتىم ئۆزئارا ئۇرۇش قىلدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏