چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئابراھام لىنكولن 1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كېنتۇككى شىتاتىدا تۇغۇلغان، 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، ئامېرىكىلىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلغان ئۇلۇغ زات. ئامېرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى.ئابراھام لىنكولن

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئابراھام لىنكولن

خەنزۇچە ئىسمى :亚伯拉罕·林肯

باشقا نامى :Abraham Lincoln ،林肯

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

مىللىتى :ئامېرىكان مىللىتى

يۇرتى :ئامېرىكا كېنتۇككى شىتاتى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1865-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :سۇ بوتۇلكىسى تۈركىمى

بوي ئېگىزلىكى :193 سانتىمېتىر

قان تىپى :B تىپ

كەسپى :سىياسىئون، ئادۋۇكات، زۇڭتوڭ، ناتىق، مۇتەپەككۇر

پارتىيەسى :جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى

ئۇيغۇرچە باشقا نامى :لىنكولن

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى :1860-يىلىدىن 1865-يىلىغىچە

ئىتقادى :تەبىئەت ئىلاھچىلىقى، خىرىستىيان دىنى

شەخىسلەر ئانكىتى 

لىنكولنئابراھام لىنكولن 1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كېنتۇككى شىتاتىدا تۇغۇلغان، 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن، ئامېرىكىلىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلغان ئۇلۇغ زات. ئامېرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى.

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان ھەيۋەتلىك لىنكولن خاتىرە سارىيىدا ئېكىسكۇرسىيىچىلەر لىنكولننىڭ ئەينى چاغدا ئېلان قىلغان نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش توغرىسىدىكى خىتابنامىسىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئامېرىكا خەلقى دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ ئۇلۇغ زاتنى مەڭگۈ ياد ئېتىپ تۇرىدۇ.

لىنكولن بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر، تېرىسى قارامتۇل، قورايدەك ئورۇق بولسىمۇ، لېكىن قەلبى ۋولقاندەك يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ بوز يەر ئېچىش ئەمگىكىگە قاتناشقان، كېيىن ياللانما دېھقان، كېمىچى، پرىكازچىك بولغان.

ئۇ ھەتتا بىر يىلمۇ تولۇق ئوقۇيالمىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزلۈكىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، مول بىلىم توپلىغان. جاپالىق تۇرمۇش ئۇنىڭدا قەيسەر ئىرادە ۋە دۇرۇس، پاك پەزىلەت يېتىلدۈرگەن، دۇكاندا پرىكازچىكلىق قىلغان مەزگىلدە، خېرىدارلار ئارتۇق بېرىۋەتكەن نەچچە تىيىن پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، نەچچە چاقىرىم يول يۈرۈشكە رازى ئىدى.

ئۇ ئۇزاق مۇددەت ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدا ياشىغاچقا، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ دەرد-ھالىنى چۈشىنەتتى، نېگىر قۇللارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلاتتى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏