چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېرد 1888-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگلىيە دە تۇغۇلغان. 1929-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئەنگلىيە لىكلەر تېلېۋىزوردىن ئويۇن كۆرسىتىلىۋاتقان سۈرەتنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىدە چەكسىز ھاياجانغا چۆكۈپ، خەۋەرنى قۇلاقتىن قۇلاققا يەتكۈزۈشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تېلېۋىزورنى كەشىپ قىلغۇچى بېردنىڭ ھاياجاندىن ئىسسىق كۆز ياشلىرى ئاقتى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :بېرد

خەنزۇچە ئىسمى :约翰·洛吉·贝尔德

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگىلىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1888-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1964-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى

كەسپى :كەشپىياتچى

چەتئەلچە نامى :J. L. Baird

ھاياتى ھەققىدە

بېرد 1888-يىل 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگلىيە دە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىكىدىنلا تېنى ئاجىز، كېسەلچان بولغاچقا، نەچچە قېتىم ئەزرائىلنىڭ قولىدىن قايتىپ كەلگەنىدى. ۋەھالەنكى، تېنىنىڭ ئاجىزلىقى ئۇنىڭدا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى يېتىلدۈرگەنىدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئېلېكتر شىركىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل بولۇپ، شاللىۋېتىلگەن بىرنەچچە ماشىنىنى قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا ئوڭشاپ، شىركەتنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىدۇ.

ئۇ، رەھىمسىز كېسەل چىرمىۋالغاچقا، خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، كېسىلىنى داۋالىتىدۇ. 1923-يىلىنىڭ بىر كۈنى بىر دوستى ئۇنىڭغا: «ماركونى يىراق ئارىلىقتىن رادىئو دولقۇنى ئۇزاتقان ۋە قوبۇل قىلغانىكەن، سۈرەتنىمۇ تارقىتىشقا بولۇشى مۇمكىن» دەيدۇ، بېرد بۇنىڭدىن ئىنتايىن زور ئىلھام ئالىدۇ. بېرد «ئېلېكتر ئارقىلىق سۈرەت يوللاش» ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بار-يوق ئازغىنە مال-مۈلكىنى سېتىپ، نۇرغۇن ماتېرىيال توپلايدۇ ۋە بارلىق ۋاقتىنى تېلېۋىزور تەتقىق قىلىپ ئىشلەشكە سەرپ قىلىدۇ. ئاخىرى، تېلېۋىزورنى لايىھىلەش خىزمىتىنى تاماملايدۇ.

لايىھە چېرتيوژىنى ئەمەلىي نەرسىگە ئايلاندۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس، كىچىككىنە ئۆي ئۇنىڭ ھەم ياتىقى، ھەم ئىشخانىسى ئىدى. بېردنى كېسەل چىرمىۋالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن خىزمەت قىلىدۇ، ھەمىشە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۇدا جەڭ قىلىدۇ. قورسىقى ئاچسا بولكا يەپ، ئۇيقۇسى كەلسە كىچىككىنە مۈگدىۋالىدۇ. تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالىدىغان پۇلى بولمىغاچقا، كونا شامالدۇرغۇچنىڭ ماتورى، كونا چاي ساندۇقى، كونا شىلەپە كۇرۇپكىسىنىڭ ئاغزى، پوپايكا زىخى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏