چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كاڭ يۇۋېي بىلەن بىللە «كاڭ-لياڭ» دەپ ئاتالغان لياڭ چىچاۋ (1873 − 1929-يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنخۇي دېگەن يېرىدىن، يېقىنقى زامان يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ئاتاقلىق تەشۋىقاتچى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بالا ئىدى، ئالتە يېشىدا كۇڭزىچىلارنىڭ كلاسسىك كىتابلىرىنى ئوقۇغان، سەككىز يېشىدا ماقالە يازالايدىغان بولغان، 1891-يىلى ئۇ كاڭ يۇۋېينى ئۇستاز تۇتۇپ، كاڭ يۇۋېينى ئۇستاز تۇتۇپ «يېڭى ئىلىم» نى ئۆگەنگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :لياڭ چىچاۋ

خەنزۇچە ئىسمى :梁启超

باشقا نامى :字卓如,号任公,又号饮冰室主人

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شىنخۇي شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1873-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1929-يىلى

كەسپى :سىياسىئون، مائارىپشۇناس، تارىخشۇناس، يازغۇچى

شەخىسلەر ئانكىتى 

لياڭ چىچاۋكاڭ يۇۋېي بىلەن بىللە «كاڭ-لياڭ» دەپ ئاتالغان لياڭ چىچاۋ (1873 −1929-يىللار) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنخۇي دېگەن يېرىدىن، يېقىنقى زامان يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى. ئاتاقلىق تەشۋىقاتچى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچى.   ئۇ كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان بالا ئىدى، ئالتە يېشىدا كۇڭزىچىلارنىڭ كلاسسىك كىتابلىرىنى ئوقۇغان، سەككىز يېشىدا ماقالە يازالايدىغان بولغان،1891-يىلى ئۇ كاڭ يۇۋېينى ئۇستاز تۇتۇپ، كاڭ يۇۋېينى ئۇستاز تۇتۇپ «يېڭى ئىلىم» نى ئۆگەنگەن،كاڭ يۇۋېينىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان شاگىرتى بولۇپ قالغان. 1895 -يىلى دۆلەتنى مۇنقەرز قىلىدىغان «ماگۇەن شەرتنامىسى» ئىمزالىنىدىغان پەيتتە، لياڭ چىچاۋ كاڭ يۇۋېي بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن بېيجىڭغا كېلىپ توپلاشقان خەتمىكەردىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئوردىغا مەلۇمات يوللاپ، شەرتنامە ئىمزالاشنى رەت قىلىشنى، پايتەختنى يۆتكەپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى جەڭ قىلىشنى، قانۇننى ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان، مانا بۇ مەشھۇر «توپلىشىپ مەلۇمات يوللاش» ۋەقەسىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ جىڭشى ۋە شاڭخەيدە «ئوقۇشنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى» بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان، يەنە خۇاڭ زۇنشيەن قاتارلىقلار بىلەن شاڭخەيدە «ۋەزىيەت گېزىتى» نى چىقارغان، «قانۇن ئۆزگەرتىش ھەققىدە مۇلاھىزە» نى ئېلان قىلغان، كېجۈ ئىمتىھانىنى بىكار قىلىش، مەكتەپ قۇرۇش، مەنسەپ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش، يەرلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ۋۇشۈ قانۇن ئۆزگەرتىشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ياپونىيىگە كەتكەن. بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى كۆتۈرۈلگەندىن كېين ئۇ كاڭ يۇۋېي بىلەن بىرلىكتە خاننى قوغداش ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرۇش يولىغا ماڭغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، يۈەن شىكەيگە يۆلەنگەن، كېيىن يەنە يۈەن شىكەيگە قارشى چىققان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، سىياسىي ئىلىمنى تاشلاپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، غەربنىڭ ئىجتىمائىي پېنىنى تىرىشىپ تونۇشتۇرغان، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئىلىم، مەدەنىيىتىنى رەتلىگەن ھەم ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏