چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ليۇ باڭ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 256 -−195-يىللار) جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى نى قۇرغان پادىشاھ بولۇپ، تارىختا خەن گاۋزۇ دەپ ئاتالغان، پېي(ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پېيشيەن ناھىيەسى) دېگەن يەردىن. چىن سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ليۇ باڭ سىشۈي كەنتىنىڭ باشلىقى بولغان. چېن شېڭ، ۋۇ گۇاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ليۇ باڭ شياۋخې، ساۋ سەن قاتارلىق دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە، پېيشيەن ناھىيەسىنىڭ ئامبىلىنى ئۆلتۈرۈپ، قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشىدۇ ھەمدە ئۆزىنى پېيگۇڭ دەپ ئاتايدۇ. 1111

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ليۇ باڭ

خەنزۇچە ئىسمى :刘邦

باشقا نامى :پېيگۇڭ، 刘季

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پېيشيەن ناھىيەسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 256-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 195-يىلى

كەسپى :پادىشاھ، سىياسىئون

ياشىغا دەۋرى :خەن سۇلالىسى

شەخىسلەر ئانكىتى 

ليۇ باڭليۇ باڭ (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 256 −195-يىللار) جۇڭگو نىڭ خەن سۇلالىسى نى قۇرغان پادىشاھ بولۇپ، تارىختا خەن گاۋزۇ دەپ ئاتالغان، پېي (ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پېيشيەن ناھىيەسى) دېگەن يەردىن. 

چىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ليۇ باڭ سىشۈي كەنتىنىڭ باشلىقى بولغان. چېن شېڭ، ۋۇ گۇاڭ قوزغىلىڭىدىن كېيىن، ليۇ باڭ شياۋخې، ساۋ سەن قاتارلىق دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە، پېيشيەن ناھىيەسىنىڭ ئامبىلىنى ئۆلتۈرۈپ، قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشىدۇ ھەمدە ئۆزىنى پېيگۇڭ دەپ ئاتايدۇ. ئۇ قوشۇنىغا قىزىل بايراقنى بەلگە قىلىدۇ، قوشۇنىدىكىلەرنىڭ سانى تېز كۆپىيىپ 2000 −3000 كىشىگە يېتىدۇ. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 207-يىلى، ئۇ قوشۇن باشلاپ شيەنياڭغا ھۇجۇم قىلىپ، كېيىنكى يىلى شيەنياڭغا ئوڭۇشلۇق ھالدا كىرىدۇ. ئۇ خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن، گۇەنجۇڭدىكى ئاقساقال-مويسىپىتلارنى چاقىرىپ كېلىپ، جامائەت ئالدىدا چىن سۇلالىسى نىڭ قاتتىق جازا، ئېغىر زۇلۇم سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، «قاتىللىق قىلغانلار قەتل قىلىنىدۇ، خەقنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلار ۋە ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق قىلغانلار جازالىنىدۇ» دېگەن سىياسەتنى جاكارلايدۇ، بۇ ئېلىمىز تارىخىدىكى مەشھۇر «ئۈچ يوسۇن» دۇر. ئاندىن كېيىن، ئۇ شيەنياڭغا قوشۇن تۇرغۇزۇپ، ئۆزى شۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، شياڭ يۈمۇ چىن سۇلالىسى نىڭ سانغۇنى جاڭ خەننى مەغلۇپ قىلىپ، قوشۇن تارتىپ خەنگۇ قورۇلىدىن ئۆتۈپ، شىنفېڭ خۇڭمېن دېگەن يەرگە جايلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى قوشۇننىڭ ئۇچرىشىشىغا 40 چاقىرىملا ئارىلىق قالىدۇ. شياڭ يۈ «زىياپەت راسلاپ» ليۇ باڭنى مېھمان قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولىدۇ. ليۇ باڭ ئۆزىنىڭ شياڭ يۈ بىلەن جاھان تالىشىش خىيالى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلىپ زىياپەتكە بارىدۇ. مانا بۇ تارىختىكى مەشھۇر «خۇڭمېن زىياپىتى» دۇر. زىياپەتتە ليۇ باڭ دانا مەسلىھەتچىسى جاڭ لياڭنىڭ ئەپچىللىك بىلەن يول كۆرسىتىشى ئارقىسىدا خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. كېيىن، شياڭ يۈ ئۆزىنى غەربىي چۇ بەگلىكىنىڭ ھاكىمبېگى دەپ ئاتاپ، ليۇ باڭغا خەن بېگى مەنسىپىنى بېرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏