چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شېئىر ئۇسلۇبى ئىسلاھاتى جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمكى ئەدەبىيات ھەرىكىتىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئەدەبىي ئۇسلۇب ئىسلاھاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئوۋياڭ شيۇ (1007 −1072-يىللار) مۇشۇ ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ داھىسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئوۋياڭ شيۇ

تۇغۇلغان ۋاقتى :1007-يىل

خەنزۇچە ئىسمى :欧阳修

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1072-يىل

باشقا نامى :欧阳永叔、醉翁、六一居士

ياشىغان زامان :شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرى

مىللىتى :خەنزۇ

كەسپى :سىياسىئون، ئەدىب، تارىخشۇناس

ئوۋياڭ شيۇ ھەققىدە

  ئوۋياڭ شيۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەن يۈگە ئوخشاش، ماقالىدا مەزمۇن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، مەزمۇن يەنە ماقالە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ ماقالە ئەمەلىي قوللىنىشقا بىرلەشتۈرۈلۈشى، قۇرۇق گەپ سېتىشقا قارشى تۇرۇشى كېرەك؛ ماقالە رېئال تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، سىياسىيغا خىزمەت قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە كېيىن يېتىلىۋاتقان قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى پائال يۆلىگەن، سۇ شۈن، سۇ شى، سۇ جې ئاتا-بالا ئۈچىسىلا ئۇنىڭ تەربىيىسىگە ئېرىشكەن. ئۇ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى ئەدەبىيات مۇنبىرىنىڭ داھىيسى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏