چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جاڭ بىڭلىن (1869 −1936-يىللار)، تەخەللۇسى تەي يەن، جېجياڭنىڭ يۈخاڭ دېگەن يېرىدىن، داڭلىق يېقىنقى زامان دېموكراتىك ئىنقىلابچىسى، مۇتەپەككۇر ۋە ئالىم. لۇشۈن ئۇنىڭغا «ئوقۇمۇشلۇق ئىنقىلابچى» دەپ باھا بەرگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جاڭ بىڭلىن

خەنزۇچە ئىسمى :章太炎

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :جېجىياڭ

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1936-يىل 6-ئاينىڭ 14 -كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :1869-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنى

كەسپى :دېموكراتىك ئىنقىلابچى، مۇتەپەككۇر

چەتئەلچە نامى :Zhang Binglin

تەخەللۇسى :تەي يەن

ھاياتى ئۆمرى

جاڭ بىڭلىن (1869 −1936-يىللار)، تەخەللۇسى تەي يەن، جېجياڭنىڭ يۈخاڭ دېگەن يېرىدىن، داڭلىق يېقىنقى زامان دېموكراتىك ئىنقىلابچىسى، مۇتەپەككۇر ۋە ئالىم. 

جاڭ بىڭلىن ئىلگىرى تارىخىي دەستۇرلارنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن. 1895-يىلى جۇڭگو-ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، جۇڭگو مۇنقەرز بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، تىنچ كۇتۇپخانا تۇرمۇشىدىن مەردانىلىك بىلەن ۋاز كېچىپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش مەقسىتىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. شاڭخەيدە قۇدرەت تېپىش ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان ھەمدە «ۋەزىيەت گېزىتى» نى تەسىس قىلىشقا قاتنىشىپ ۋە ماقالە يېزىپ، يېڭىلىققا كۆچۈش، قانۇن ئۆزگەرتىشنى تەشۋىق قىلغان. 1898-يىلىدىكى ۋۇشۈ سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، ئۇنىڭغا جىنايەتچى قاتارىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ چەت ئەلگە قېچىپ چىقىپ، چىڭ سۇلالىسى گە قارشى ئىنقىلاب يولىغا قەدەم قويغان. 1900-يىلى يازدا، تاڭ سەيچاڭ قاتارلىق كىشىلەر شاڭخەيدە چاقىرغان «جۇڭگو پارلامېنتى» دا، ئۇچىسىدىكى پەرىجىسىنى سېلىپ تاشلاپ كاستۇم كىيىپ، مىللىي زۇلۇمنىڭ سىمۋولى بولغان ئۇزۇن چېچىنى كېسىپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھقا قارىغۇلارچە سادىق بولۇشقا قارشى تۇرۇش، ئىنقىلابقا ئاتلىنىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن. 1903-يىلى جاڭ بىڭلىن «كاڭ يۇۋېينىڭ ئىنقىلابىي نەزەرىيەسىگە رەددىيە» نى ئېلان قىلىپ، چىڭ خانىدانلىقىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ئىنقىلابنىڭ «كونىنى تاشلاپ، يېڭىنى تۇرغۇزۇش» نىڭ شىپالىق دورىسى ئىكەنلىكىنى، «بىرلىشىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇش» نىڭ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە زو رۇڭنىڭ «ئىنقىلابىي ئارمىيە» دېگەن كىتابىغا كىرىش سۆز يېزىپ بېرىپ، شاڭخەيدە چىقىرىلىۋاتقان «جياڭسۇ گېزىتى» دە تونۇشتۇرغان. ئۇزاق ئۆتمەي، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شاڭخەيدىكى ئەنگلىيە كونسېسسىيە دائىرىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلغان. 1904-يىلى ئۇ تۈرمىدە سەي يۈەنپېي قاتارلىق ئىنقىلابچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىرلىكتە گۇاڭفۇخۇي جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1906-يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، سۇن جۇڭشەننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ياپونىيىگە بېرىپ، ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە قاتناشقان ھەمدە «خەلق گېزىتى» نى چىقىرىپ، ئىنقىلابنى تەرغىب قىلغان. 1910-يىلى جاڭ بىڭلىن بىلەن سۇن جۇڭشەن ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاۋ چېڭجاڭ بىلەن بىللە ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە گۇاڭفۇخۇي جەمئىيىتىنىڭ باش شتابىنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئۆزى جەمئىيەتنىڭ باشلىقى بولغان. 1910-يىلى ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، «بۈيۈك جۇمھۇرىيەت گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ زوراغاللىق مەسلىھەتچىسى بولغان. 1913-يىلى يۈەن شىكەيگە جازا يۈرۈشى قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقتىن، يۈەن شىكەي تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يۈەن شىكەي بەرگەن ئوردېننى يەلپۈگۈچنىڭ سېپىغا ئېسىۋېلىپ، چاچلىرى پاخپايغان، يۈز-كۆزلىرى قاسماق ھالدا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يۈەن شىكەينى قاتتىق تىللىغان، نەتىجىدە يۈەن شىكەي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان. بۇ خەۋەر بىر مەزگىل ھەممە يەرگە پۇر كەتكەن. 1916-يىلى يۈەن شىكەي ئۆلگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. كېيىنكى يىلى، ئۇ دۇەن چىرۇيگە قارشى قانۇننى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، قانۇننى قوغداش ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن. كېيىن ئۇنىڭ ئىدىيەسى كۈندىن-كۈنگە مۇتەئەسسىپلىشىپ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ ھەمكارلىشىشىغا قارشى تۇرغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏