چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دۆلىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك ئالىمى، سادىق پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، پۈتۈن ھاياتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېغىشلىغان پروفېسسور تۇجى 1901-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭبېي ناھىيەسى دۇڭشياڭ يېزىسىنىڭ تۇجاۋەن دېگەن يېرىدە ئوقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :تۇجى

خەنزۇچە ئىسمى :涂治

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭبېي ناھىيەسى دۇڭشياڭ يېزىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1901-يىل 8-ئاينىڭ 20-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1976-يىل 3-ئاينىڭ 13-كۈنى

كەسپى :يېزا ئىگىلىك ئالىمى

شەخسلەر ئانكىتى

دۆلىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك ئالىمى، سادىق پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، پۈتۈن ھاياتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بېغىشلىغان پروفېسسور تۇجى 1901-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭبېي ناھىيەسى دۇڭشياڭ يېزىسىنىڭ تۇجاۋەن دېگەن يېرىدە ئوقۇمۇشلۇق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ.

ئۇنىڭ بوۋىسى تۇداۋيۇڭ چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدىكى زىيالىيلاردىن بولۇپ، خۇسۇسىي مەكتەپ ئېچىشنى كەسىپ قىلغان، غەرب ئىلمىنى ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئۆز ناھىيىسىدىكى «مۇلەن» قىزلار باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان. دادىسى تۇخېڭفۇ سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، بىر سودا فېرمىسىنىڭ ھېساباتىنى باشقۇرغان. ئۇنىڭ بىر نەۋرە ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەردىن ئىدى. تۇجى 1915-يىلى 8-ئايدا 13 ياشقا تولغاندا، ئۆز ناھىيىسىدىكى تولۇق باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ چىڭخۇا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتىدۇ. چىڭخۇا مەكتىپى ئەينى ۋاقىتتا، ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەييارلىق مەكتىپى بولغاچقا، ئامېرىكا بۇرژۇئازىيە مائارىپىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانىدى. تۇجى 1924-يىلى 6-ئايدا چىڭخۇا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ساۋاقدىشى جۇپېييۈەن قاتارلىقلار بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇيدۇ. ئۇ مىننېسۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى بىلەن ئىلمىي تەتقىقات مەھكىمىسىدە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى ئىلمى ۋە ئۆسۈملۈك ئۇرۇقچىلىقى ئىلمىنى ئۆگىنىپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏