چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جاڭ لەن (1872 - 1955-يىللار) سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نەنتۇڭ دېگەن يېرىدىن، دۆلىتىمىزدىكى ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر زات، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جاڭ لەن

خەنزۇچە ئىسمى :张澜

باشقا نامى :张表方

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :سىچۇەن ئۆلكىسى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1872-يىل

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1955-يىل

شەخسلەر ئانكىتى

 جاڭ لەن (1872 -1955-يىللار) سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نەنتۇڭ دېگەن يېرىدىن، دۆلىتىمىزدىكى ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر زات، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ چىڭ سۇلالىسى نىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى ئوقۇمۇشلۇق زات بولۇپ، ئەينى يىللاردا سىچۇەندە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، جۇ دې، لو رۇيچىڭ قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. 1911-يىلى سىچۇەندە يول قوغداش ھەرىكىتى پارتلىغاندا، جاڭ لەن ئاكتىپ قاتناشقان ھەمدە بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئۇ يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇپ، سىچۇەندە يۈەن شىكەيگە قوراللىق جازا يۈرۈشى قىلغان. 1920-يىلى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولغان، ئۇزاق ئۆتمەيلا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، داۋاملىق مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، چېڭدۇ دارىلمۇئەللىمىنىنىڭ مۇدىرى، چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏