چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جاڭ ۋېنيۈ (1910 −1992) μ مېزون (ميۇمېزون) لارنىڭ كۈچسىز ئۆزئارا تەسىرلىشىدىغان زەرەتلەر ئىكەنلىكىنى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئىسپاتلىغان ئالىم؛ ئۇ يەنە مەنپىي زەرەتلىك ئاستا μ مېزون ئاتوم يادروسى بىلەن تەسىرلەشكەندە، ميۇئونىك ئاتوم شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭا، ميۇئونىك ئاتوم «جاڭ ئاتومى»، ئۇنىڭ رادىئاتسىيەسى «جاڭ رادىئاتسىيەسى» دەپ ئاتالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جاڭ ۋېنيۈ

خەنزۇچە ئىسمى :张文裕

باشقا نامى :张少岳

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :فۇجيەن

تۇغۇلغان ۋاقتى :1910-يىل 1-ئاينىڭ 9-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1992-يىل 11-ئاينىڭ 5-كۈنى

كەسپى :فىزىكا ئالىمى

ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلى

جاڭ ۋېنيۈجاڭ ۋېنيۈ فۇجيەننىڭ خۇيئەن ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن ئەمگەك قىلغاچ ئوقۇيدۇ، ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە جاپاغا چىداش روھى مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ساۋاقداشلىرى تەييارلاپ بەرگەن 20 يۈەن يول خىراجىتىنى ئېلىپ يەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كېلىدۇ. ئۇ قورساق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۈندۈزى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ دېھقانچىلىق ئېتىزىدا ئىشلەيدۇ، كېچىدە دەرسىنى تەكرارلايدۇ. دەرس ئۆتۈلۈۋاتقاندا مۈگدەپ قالسا بارماقلىرى قان يۇقى بولۇپ كەتكۈچە يىڭنە سانجىيدۇ. ئۇ مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەلا نەتىجە بىلەن دۇنياغا مەشھۇر كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئاسپىرانتلىققا كىرىدۇ، 1938-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

 1954-يىلى، جاڭ ۋېنيۈ نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىق ۋە مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدۇ .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏