چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جىن شۇرېن (1941-1879)، تەخەللۇسى دى ئەن، گەنسۇ خېجۇ يۈنجىڭلىق. جۇڭخۇا مىنگو مىللىي ھۆكۈمىتى دەۋرىدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك سىياسىي، ھەربىي ئىشلار رەھبىرى بولغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جىن شۇرېن

تۇغۇلغان ۋاقتى :1879-يىل

خەنزۇچە ئىسمى :金树仁

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1941-يىل

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

كەسپى :سىياسىي، ھەربىي ئىشلار رەھبىرى

شەخسلەر ئانكىتى

جىن شۇرېن بىلەن ياڭ زېڭشىن كونا تۇنۇش، ياڭ زېڭشىن خېجۇدا ئەمەلدار بولۇپ مەكتەپ باشقۇرغان مەزگىلدىن باشلاپ بۇلار ئوتتۇرىسىدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغان، جۈملىدىن ياڭ زېڭشىن خىزمەت كۆرسىتىپ يۇقىرى مەكتەپنىڭ باش مۇپەتتىشلىكىگە ئۆسكەندە، جىن شۇرېننى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئۆستۈرگەن. جىن شۇرېن 1909-يىلى (مىڭ سۇلالىسى شەنتۇڭ 1-يىلى) يەرلىك ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئەلە نەتىجىگە ئېرىشكەن. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن (1913-يىلى) داۋخى ناھىيەسىدىكى يۇقىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر ۋە پىداگوگىكا مەكتىپىگە مۇدىر بولغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏